باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2009-01-22

داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر (2) 有名な大学

ئالدىنقى قېتىم «داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر 有名な大学» دېگەن يازمىمىزدا، ياپونىيىدىكى تىزىلىش تەرتىپى 1- دىن 3- گىچە بولغان ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈن بۇ يازمىمىزدا 4- رەتكە تىزىلغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز. ئالدىنقى قېتىم تونۇشتۇرۇلغانلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتىتلار بولۇپ، بۈگۈن خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن 4- رەتكە كىرەلىگەن ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

東北大学 توخوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتى (قىسقارتىلمىسى توخوكۇداي 東北大): مىياگى ناھىيىسى (宮城県) نىڭ سېنداي (仙台) شەھىرىگە جايلاشقان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، 1907- يىلى قۇرۇلغان. سېنداي شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا بەش مەكتەپ رايونى بار. نۆۋەتتە ئەدەبىيات، پېداگوگىكا، قانۇن، ئىقتىساد، مېدىتسىنا قاتارلىق 10 فاكۇلتېت ۋە ماس ھالدىكى كەسىپلەردىن باشقا يەنە ئۇچۇر ئىلمى، ھاياتلىق ئىلمى، مۇھىت ئىلمى قاتارلىق جەمئىي 17 ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىنغان. قارمىقىدا يەنە بەش تەتقىقات ئورنى بار.
تەپسىلاتىنى ئۇنىۋېرسىتېت تور بېتى http://www.tohoku.ac.jp دىن كۆرۈڭ.

筑波大学 تسۇكۇبا ئۇنىۋېرسىتېتى: ئىباراكى ناھىيىسى (茨城県) نىڭ تسۇكۇبا (筑波) شەھىرىگە جايلاشقان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت. 1973- يىلى قۇرۇلغان. توكيودا يەنە ئىككى مەكتەپ رايونى بار. نۆۋەتتە فىلولوگىيە، ھاياتلىق مۇھىت ئىلمى، ئۇچۇر ئىلمى قاتارلىق توققۇز فاكۇلتېت ۋە مائارىپ، مۇھىت ئىلمى، بىئولوگىيىلىك سىستېما قاتارلىق 16 ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىنغان.
تەپسىلاتىنى ئۇنىۋېرسىتېت تور بېتى http://www.tsukuba.ac.jp دىن كۆرۈڭ.

名古屋大学 ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى (قىسقارتىلمىسى مېيداي 名大): ئايچى ناھىيىسى (愛知県) نىڭ ناگويا (名古屋) شەھىرىگە جايلاشقان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، 1939- يىلى قۇرۇلغان. تۆت ئورۇندا مەكتەپ رايونى بار. نۆۋەتتە ئەدەبىيات، قانۇن، ئىقتىساد، مېدىتسىنا قاتارلىق توققۇز فاكۇلتېت ۋە 13 ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىنغان.
تەپسىلاتىنى ئۇنىۋېرسىتېت تور بېتى http://www.nagoya-u.ac.jp دىن كۆرۈڭ.

神戸大学 كوبې ئۇنىۋېرسىتېتى (قىسقارتىلمىسى شىنداي 神代): خيوگو ناھىيىسى (兵庫県) نىڭ كوبې (神戸) شەھىرىگە جايلاشقان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، 1949- يىلى قۇرۇلغان. كوبې شەھىرىدىلا تۆت ئورۇندا مەكتەپ رايونى بار. نۆۋەتتە ئەدەبىيات، خەلقئارا مەدەنىيەتشۇناسلىق، مېدىتسىنا قاتارلىق 11 فاكۇلتېت ۋە 13 ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىنغان.
تەپسىلاتىنى ئۇنىۋېرسىتېت تور بېتى http://www.kobe-u.ac.jp دىن كۆرۈڭ.

九州大学 كيۇشيۇ ئۇنىۋېرسىتېتى (قىسقارتىلمىسى كيۇداي 九大): فۇكۇئوكا ناھىيىسى (福岡県) نىڭ فۇكۇئوكا (福岡) شەھىرىگە جايلاشقان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، 1911- يىلى قۇرۇلغان. يەتتە ئورۇندا مەكتەپ رايونى بار. نۆۋەتتە ئەدەبىيات. مائارىپ، قانۇن، ئىقتىساد قاتارلىق 11 فاكۇلتېت ۋە 18 ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىنغان.
تەپسىلاتىنى ئۇنىۋېرسىتېت تور بېتى http://www.kyushu-u.ac.jp دىن كۆرۈڭ.

早稲田大学 ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتى (قىسقارتىلمىسى سوداي 早大): توكيونىڭ شىنجۇكۇ رايونىغا جايلاشقان، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە ئەڭ داڭلىق ۋە ئەڭ كونا ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، 1920- يىلى ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ قۇرۇلغان. توكيو. سايتاما، فۇكۇئوكا قاتارلىق شەھەر- ناھىيىلەردە جەمئىي توققۇز مەكتەپ رايونى تەسىس قىلىنغان. سىياسىي ئىقتىساد، قانۇن، سودا، تەنتەربىيە قاتارلىق 13 فاكۇلتېت ۋە 21 ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىنغان. ئوقۇغۇچى سانى ياپونىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە 2- ئورۇندا تۇرىدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنلا «ۋاسېدانىڭ سىياسىيسى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ، سىياسىي پەنلەر بويىچە كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە. كۈلدۈرگە ئارتىسلىرى قاتارلىق نۇرغۇن سەنئەتكارلارمۇ مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا يېتىشىپ چىققان.
تەپسىلاتىنى ئۇنىۋېرسىتېت تور بېتى http://www.waseda.jp دىن كۆرۈڭ.

慶応義塾大学 كېيئو گىجۇكۇ ئۇنىۋېرسىتېتى (قىسقارتىلىپ كېيئو ياكى كېيداي 慶大 دەپ ئاتىلىدۇ): توكيونىڭ مىناتو رايونىغا جايلاشقان خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، 1920- يىلى ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ قۇرۇلغان. ئالتە ئورۇندا مەكتەپ رايونى بار. نۆۋەتتە ئىقتىساد، قانۇن، مېدىتسىنا، سېسترالىق، دورىگەرلىك قاتارلىق 10 فاكۇلتېت ۋە 14 ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىنغان. ئىقتىساد ئىلمى بويىچە داڭلىق بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەردىن ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار كۆپ چىققان. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن سىياسەتچىلەرمۇ خېلى كۆپ. قارمىقىدىكى دوختۇرخانىمۇ داڭلىق.
تەپسىلاتىنى ئۇنىۋېرسىتېت تور بېتى http://www.keio.ac.jp دىن كۆرۈڭ.

قالغانلىرىمۇ داۋاملىق تونۇشتۇرۇلىدۇ.

مەنبە: ياپونچە ۋىكىپېدىئا دىن تەييارلاندى.
(All pictures comes from ja.wikipedia.org)

2009-01-18

ياپونىيىدىكى بايراملار 日本の祝日

نۆۋەتتە ياپونىيە كالېندارىدا دۆلەتلىك بايرام كۈنىدىن 15 كۈن بار بولۇپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەنى 1948- يىل 20- ئىيۇلدا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان «بايرام كۈنى قانۇنى» غا ئاساسەن بېكىتىلىپ، ھازىرغىچە بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەن.

1. 1- يانۋار: 元日 يېڭى يىل كۈنى. تېمىسى: «يېڭى يىلنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەيلى».
2. يانۋارنىڭ 2- دۈشەنبىسى: 成人の日 قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنى. تېمىسى: «قۇرامىغا يەتكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش يولىغا ماڭغان ياشلارنى تەبرىكلەپ ئىلھاملاندۇرايلى».
بۇ كۈن توغرىلىق ئالدىنقى يازمىمىزدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق.
3. 11- فېۋرال: 建国記念の日 دۆلەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈن. تېمىسى: «دۆلەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەپ، ۋەتەننى سويىدىغان قەلب يېتىشتۈرەيلى».
تارىخىي خاتىرىلەردىكى ئەڭ بۇرۇنقى ساماۋى شاھ جىنمۇ (神武天皇) نىڭ تەختكە ئولتۇرغان كۈنىنى مىلادىيە بويىچە ھېسابلاپ بېكىتكەن كۈن. جىنمۇ خان مىلادىدىن بۇرۇنقى 668- يىلى كيۇشيۇدىن شەرققە يۈرۈش قىلىپ 5 يىلدىن كېيىن ياماتو (大和، ھازىرقى نارا ناھىيىسى) غا بېسىپ كىرگەن، شۇنىڭدىن 3 يىل كېيىن شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان.
4. 21- مارت: 春分の日 ئەتىيازلىق كۈن- تۈن تەڭلىشىش كۈنى. تېمىسى: «تەبىئەتنى مەدھىيىلەپ، جانلىقلارنى قەدىرلەيلى».
5. 29- ئاپرېل: 昭和の日 شوۋانىڭ كۈنى. تېمىسى: «ھاياجانلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، گۈللىنىشكە ئېرىشكەن شوۋا دەۋرىنى ياد ئېتىپ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئويلىنايلى».
تارىختا ئەڭ ئۇزۇن، يەنى 64 يىل تەختتە ئولتۇرغان ساماۋى شاھ شوۋانىڭ تۇغۇلغان كۈنى.2005- يىلى «يېشىللىق كۈنى» دىن ئۆزگەرتىلگەن.
6. 3- ماي: 憲法記念日 ئاساسىي قانۇن خاتىرە كۈنى. تېمىسى: «ياپونىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنى يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى خاتىرىلەپ، دۆلەتنىڭ روناق تېپىشىنى تىلەيلى».
ھازىرقى ئاساسىي قانۇن 1946- يىل 3- نويابىردا ئېلان قىلىنغان. كېيىنكى يىلى مۇشۇ كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.
7. 4- ماي: みどりの日 يېشىللىق كۈنى. تېمىسى: «تەبىئەتكە يېقىن تۇرۇپ ھەم تەشەككۈر ئېيتىپ، روھىمىزنى بېيىتايلى.».
بۇ كۈن 2005- يىلدىن باشلاپ 29- ئاپرېلدىن مۇشۇ كۈنگە ئۆزگەرتىلگەن.
8. 5- ماي: こどもの日 بالىلار بايرىمى. تېمىسى: «بالىلارنىڭ ئابرۇيىغا ھۆرمەت قىلىپ، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئانىلارغا رەھمەت ئېيتايلى».
ئادەتتە ئوغۇللارنىڭ بايرىمى. قىزلارنىڭ بايرىمى بولغان 3- مارت قانۇندا بايرام قىلىپ بەلگىلەنمىگەن.
9. ئىيۇلنىڭ 3- دۈشەنبىسى: 海の日 دېڭىز كۈنى. تېمىسى: «دېڭىزنىڭ ھىممىتىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، دېڭىز- ئوكيان دۆلىتى بولغان ياپونىيىنىڭ گۈللىنىشىنى تىلەيلى».
1995- يىلى 20- ئىيۇل قىلىپ بەلگىلەنگەن. 2003- يىلدىن باشلاپ 3- دۈشەنبىگە ئۆزگەرتىلگەن. بۇ كۈندە ساماۋى شاھ مېيجى شەرقىي شىمالنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئائومورى (青森) دىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، خاكوداتى ئارقىلىق يوكوخاما (横浜) پورتىغا كەلگەن دېيىلىدۇ.
10. سېنتەبىرنىڭ 3- دۈشەنبىسى: 尊老の日 ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش كۈنى. تېمىسى: «كۆپ يىللىق قان- تەرى بەدىلىگە جەمئىيىتىمىزنى قۇرۇپ چىققان پېشقەدەملەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيلى».
1963- يىلى «ياشانغانلار كۈنى» قىلىپ بەلگىلەنگەن 15- سېنتەبىر 1966- يىلىغا كەلگەندە دۆلەتلىك دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بەلگىلەنگەن. 2003- يىلدىن باشلاپ 3- دۈشەنبىگە ئۆزگەرتىلگەن.
11. 23- سېنتەبىر: 秋分の日 كۈزلۈك كۈن- تۈن تەڭلىشىش كۈنى. تېمىسى: «ئەجدادلارنى مەدھىيىلەپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ئەسلەيلى».
جىنمۇ شاھ دەۋرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن ئەرۋاھلارغا ئاتاپ نەزىر- چىراغ قىلىدىغان پائالىيەتتىن كەلگەن.
12. ئۆكتەبىرنىڭ 2- دۈشەنبىسى: 体育の日 تەنتەربىيە كۈنى. تېمىسى: «تەنتەربىيىنى دوست تۇتۇپ، ساغلام تەن ۋە روھ يېتىلدۈرەيلى».
1961- يىلىدىكى قانۇندا 2- شەنبە تەنتەربىيە كۈنى قىلىنغان. 1964- يىلى 10- ئۆكتەبىردە توكيودا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ كۈن 1966- يىلدىن باشلاپ دۆلەتلىك دەم ئېلىش كۈنى قىلىنغان. 2000- يىلدىن باشلاپ 2- دۈشەنبىگە ئۆزگەرتىلگەن.
13. 3- نويابىر: 文化の日 مەدەنىيەت كۈنى. تېمىسى: «ئەركىنلىك ۋە تىنچلىقنى سۆيۈپ، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرايلى».
بۇ كۈن يەنە ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈن بولغاچقا، ئەركىنلىك ۋە تىنچلىقمۇ تېما قىلىنغان.
14. 23- نويابىر: 勤労感謝の日 ئەمگەكچىلەرگە رەھمەت ئېيتىش كۈنى. تېمىسى: «ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەبرىكلەپ، پۇقرالار ئۆز ئارا رەھمەت ئېيتىشايلى».
بۇ كۈن 1873- يىلى بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
15. 23- دېكابىر: 天皇誕生日 ساماۋى شاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. تېمىسى: «ساماۋى شاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيلى».
شوۋانىڭ 64- يىلى (1988- يىل) 7- يانۋاردا، ساماۋى شاھ شوۋا 87 ياشتا ۋاپات بولغان. شۇ چاغدا 55 ياشقا كىرگەن شاھزادە ئاكىخىتو ياپونىيىنىڭ ساماۋى شاھ جىنمۇدىن كېيىنكى 125- ساماۋى شاھى بولۇپ تەختكە ئولتۇرۇپ، يىلنامىنى خېيسېيغا ئۆزگەرتكەن. ساماۋى شاھ ئاكىخىتو 1933- يىلى مۇشۇ كۈندە دۇنياغا كەلگەن.

يۇقارقى بايرام كۈنلىرىنىڭ ھەممىسى كالېنداردا قىزىل رەڭدە ئىپادىلەنگەچكە، ياپونىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ كۈنلەرنى «قىزىل كۈن» دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەن ھەم ئادەتتە بۇ كۈنلەردە شىركەت ۋە مەكتەپلەر دەم ئالىدىغان بولغاچقا، بىرەر ئولتۇرۇش ياكى چاقىرىشلارنى مۇشۇنداق كۈنلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولغان.

مەنبە: ئاي نۇرى رەسەتخانىسى
http://www.gekkou.or.jp

2009-01-15

داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر 有名な大学

ئالدىنقى يازمىمىزدا تونۇشتۇرغاندەك، ياپونىيىدە 765 مۇنتىزىم ئۇنىۋېرسىتېت بار بولۇپ، بۇلارنى دەرىجىگە ئايرىپ رەتكە تىزىپ چىقىشنىڭ ئۆزى بىر مۈشكۈل ئىش، ئۇلارنى بىر- بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ چىقىشمۇ ھەم شۇنداق. لېكىن قۇدرىتىمىز يار بەرگەن دائىرىدە، باشقىلار رەتلەپ چىققان نەتىجىلەرگە ئاساسەن ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن باشلاپ تونۇشتۇرۇپ چىقىشنى لايىق تاپتۇق.

ھازىرچە بۇ يازمىدا ياپونىيىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان 5 ئۇنىۋېرسىتېت تونۇشتۇرۇلدى («تونۇشتۇرۇلدى» دېگۈدەك دەرىجىدە تەپسىلىي بولمىسىمۇ). بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار بولۇپ، تارىخىمۇ ئۇزۇن، تەسىر دائىرىسىمۇ، جەمئىيەتتىكى ئورنىمۇ باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. بۇلاردىن 3- دىن 5- گىچە بولغانلىرىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى ئوخشاش. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ بەش ئۇنىۋېرسىتېت دەل ياپونىيىدىكى تىزىلىش تەرتىپى 1- دىن 3- گىچە بولغان بىلىم يۇرتىدىن ئىبارەت.

1. 東京大学 توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى (قىسقارتىلمىسى توداي 東大): ياپونىيىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، مېيجىنىڭ 10- يىلى (1877- يىل) قۇرۇلغان. ئاساسىي مەكتەپ رايونى توكيونىڭ بۇنكيو رايونىدىكى خونگو دېگەن يەرگە جايلاشقان. ئۇندىن باشقا يەنە تۆت يەردە مەكتەپ رايونى بار. نۆۋەتتە قانۇن، مېدىتسىنا، سانائەت پەنلىرى، ئەدەبىيات، تەبىئىي پەنلەر، يېزا ئىگىلىك، ئىقتىساد، مائارىپ، دورىگەرلىك قاتارلىق 10 فاكۇلتېت ۋە مائارىپ ئىلمى، سانائەت پەنلىرى قاتارلىق 15 ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىنغان. قارمىقىدا يەنە 11 تەتقىقات ئورنى بار.
تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى ئۇنىۋېرسىتېت تور بېتى http://www.u-tokyo.ac.jp دىن كۆرۈڭ.

2. 京都大学 كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى (قىسقارتىلمىسى كيوداي 京大): غەربىي ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، مېيجىنىڭ 30- يىلى (1897- يىل) قۇرۇلغان. كيوتو شەھىرىگە جايلاشقان، ئۈچ ئورۇندا مەكتەپ رايونى بار. نۆۋەتتە ئۇنىۋېرسال ئىنسانشۇناسلىق، ئىقتىساد قاتارلىق 10 فاكۇلتېت، ئەدەبىيات، قانۇن، مېدىتسىنا قاتارلىق 17 ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ۋە 13 تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىنغان. تەبىئىي پەنلەر بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياپونىيىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىن چىققان.
تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى ئۇنىۋېرسىتېت تور بېتى http://www.kyoto-u.ac.jp دىن كۆرۈڭ.

3- رەتكە تىزىلغان ئۇنىۋېرسىتېتلار

一ツ橋大学 خىتوتسۇباشى ئۇنىۋېرسىتېتى (قىسقارتىلمىسى خىتوتسۇباشىداي一橋大): توكيونىڭ كۇنىتاچى شەھىرىگە جايلاشقان. كۇنىتاچى، كاندا، كودايرادىن ئىبارەت 3 مەكتەپ رايونى بار. 1949- يىلى ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ قۇرۇلغان. ئىقتىساد پەنلىرىدە كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە. ھازىر تولۇق كۇرس بويىچە سودا، ئىقتىساد، قانۇن، جەمئىيەتشۇناسلىق كەسىپلىرى، ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى بويىچە سودا، ئىقتىساد، قانۇن، جەمئىيەتشۇناسلىق، تىل جەمئىيەتشۇناسلىقى ۋە خەلقئارا شىركەت ئىستراتېگىيىسى كەسىپلىرى تەسىس قىلىنغان. قارمىقىدا يەنە بىر قانچە تەتقىقات ئورنى ۋە مەركەزلىرى بار.
تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى ئۇنىۋېرسىتېت تور بېتى http://hit-u.ac.jp دىن كۆرۈڭ.

東京工業大学 توكيو سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى (قىسقارتىلمىسى توكوداي 東工大): شوۋانىڭ 4- يىلى (1929- يىلى) قۇرۇلغان، توكيونىڭ مېگۇرو رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈچ ئورۇندا مەكتەپ رايونى بار. تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى ۋە ھاياتلىق ئىلمى بويىچە ئۈچ فاكۇلتېت، ھاياتلىق ئىلمى قاتارلىق ئالتە ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىنغان.
تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى ئۇنىۋېرسىتېت تور بېتى http://www.titech.ac.jp دىن كۆرۈڭ.

大阪大学 ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتى (قىسقارتىلمىسى خانداي 阪大): شوۋانىڭ 6- يىلى (1931- يىلى) قۇرۇلغان. ئوساكانىڭ سۇيتا شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، تۆت ئورۇندا مەكتەپ رايونى بار. نۆۋەتتە ئەدەبىيات، ئىنسانشۇناسلىق، چەتئەل تىللىرى قاتارلىق 11 فاكۇلتېت، ئىنسانشۇناسلىق، قانۇن، ئىقتىساد قاتارلىق 15 ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ۋە بىر قانچە تەتقىقات ئورۇنلىرى بار.
تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى ئۇنىۋېرسىتېت تور بېتى http://www.osaka-u.ac.jp دىن كۆرۈڭ.

قالغانلىرىمۇ داۋاملىق تونۇشتۇرۇلىدۇ.

مەنبە: ياپونچە ۋىكىپېدىئا دىن تەييارلاندى.
(All pictures comes from ja.wikipedia.org)

2009-01-13

قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنى 成人の日

ياپونىيىدە خاتىرە كۈنلەر تولىمۇ كۆپ. كالېندارغا قارايدىغان بولساق، ھەر ئايدا بىردىن دېگۈدەك بارلىقىنى كۆرىمىز. بۈگۈن شۇ خاتىرە كۈنلەردىن بىرى 成人の日 «قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنى» نى تونۇشتۇرماقچىمىز.

قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنى- ھەر يىلى يانۋارنىڭ 2- دۈشەنبە كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ كۈندە يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلات قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شۇ يىلى 20 ياشقا كىرگەن ياكى كىرىدىغانلار ئۈچۈن 成人式 دەپ ئاتالغان تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئىلگىرى بۇ پائالىيەتنىڭ قاتنىشىش ئوبيېكتى ئالدىنقى يىلدىكى قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ بۇ يىلقى قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىگىچە ئارىلىقتا 20 ياشقا كىرىدىغان ياشلار قىلىپ بەلگىلەنگەن. لېكىن بۇ كۈن ھەر يىلى ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، بەزىلەرنىڭ ئىككىلا قېتىمدا قاتنىشىش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشى ياكى بەزىلەرنىڭ ئىككىلا يىلدا قاتنىشىش ئوبيېكتى بولالماسلىقى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېقىندىن بېرى ئۆزگەرتىلىپ، ئالدىنقى يىلى 2- ئاپرېلدىن بۇ يىل 1- ئاپرېلغىچە ئارىلىقتا 20 ياشقا كىرىدىغانلار دېيىلمەكتە.

قۇرامىغا يەتكەنلەرنى تەبرىكلەپ ئىلھاملاندۇرىدىغان ئىش بۇرۇندىن بار بولسىمۇ، لېكىن بۇ خاتىرە كۈن 1946- يىلى 22- نويابىردا سايتاما ناھىيىسىدە ياشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن باشلاپ رەسمىي شەكىللەنگەن. 1948- يىلى «دەم ئېلىش كۈنى قانۇنى» غا كىرگۈزۈلۈپ، 1949- يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى 15- يانۋار قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1998- يىلى بۇ قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندە، 2000- يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى يانۋارنىڭ 2- دۈشەنبىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

ئادەتتە بۇ كۈندىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى شۇ كۈنى ياكى ئالدىنقى كۈندىكى يەكشەنبىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. قاتناشقۇچىلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلىكىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تېخىمۇ ياخشى جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تېگىشلىك ھەسسىنى قوشۇشقا چاقىرىق قىلىنىدۇ. ئادەتتە ياپونىيىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھاراق ئىچىشى، تاماكا چېكىشى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، ھەتتا سايلام ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىنى ئۆز ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارايدىغانلار كۆپ.


(سۈرەت مەنبەسى: BBC تورى)

بۇ كۈندە ئادەتتە قىزلارنىڭ ھەممىسى 振袖«فۇرىسودې» دەپ ئاتالغان قىممەت باھالىق ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىشىپ پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ. شۇڭا بۇ تۈردىكى كىيىم- كېچەك بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت- ماگىزىنلار ۋە ھۆسن تۈزەش- چاچ ياساش ئورۇنلىرى ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. يېقىندىن بېرى بۇ خاتىرە كۈندە كىيىم ئارىيەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. لېكىن بۇ كۈن ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنلا، بۇ كىيىملەرنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلۈپ سېتىلىدۇ. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ياشلارنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، بۇ تۈردىكى سودىنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەنبە: ياپونچە ۋىكىپېدىئا

2009-01-10

ئوقۇشقا كېلىشتىكى ئۈچ ئاتالغۇ

بۇ يەردە ياپونىيىدە ئوقۇش ئۈچۈن يول ماڭغاندا ئۇچرايدىغان ھەم ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىدىغان ئۈچ ئاتالغۇ ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1. ئوقۇشقا كىرىش ئۇقتۇرۇشى 入学通知書
ياپونىيىگە ئوقۇشقا كېلىش ئۈچۈن ماڭىدىغان يول ئادەتتە ئوقۇماقچى بولغان كەسىپتىكى ئوقۇتقۇچىنى ئىزدەشتىن باشلىنىدۇ. ئادەتتە يۈز- تۇرانە ياكى ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ قوشۇلۇشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئوقۇشقا كىرىش ئىلتىماسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى مەكتەپكە تاپشۇرىدىغان گەپ. بۇلارنى ياپونىيىدىكى ئۇرۇق- تۇغقان ياكى دوستلىرىڭىزدىن بىرەرى سىزگە بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ.

مەكتەپ ئىلتىماس ماتېرىياللىرىڭىزنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن پروفېسسورلارنىڭ قەرەللىك يىغىندا مۇزاكىرە قىلىپ سىزنى ئوقۇشقا ئېلىش- ئالماسلىقنى بېكىتىدۇ. بۇنىڭغا يىغىننىڭ ۋاقتى ۋە ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بىرەر ئايچە ۋاقىت كېتىدۇ. يىغىندا سىزنى قوبۇل قىلىش قارارى چىقىرىلغاندىن كېيىن مەكتەپتىن 入学通知書، يەنى «ئوقۇشقا كىرىش ئۇقتۇرۇشى» چىقىرىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا سىزنىڭ قايسى ۋاقىتتىن قايسى ۋاقىتقىچە قايسى تېمىدا قايسى پروفېسسورنىڭ يېتەكلىشىدە ئوقۇيدىغانلىقىڭىز ئېنىق يېزىلىدۇ. بۇنى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئوقۇشقا كەلگۈچى بۇ چاقىرىققا ئاساسەن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانا ياكى ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ پاسپورت ئىلتىماس قىلغاچ تۇرسا بولىدۇ.

2. ياپونىيىدە تۇرۇش سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىسپاتنامىسى 在留資格認定証明書

مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا قوشۇپ ئىلتىماس جەدۋىلى ۋە سىزنىڭ ئىقتىسادىي كاپالەتچىڭىزنىڭ ئىسپاتى دېگەندەك باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزى تەۋە بولغان ناھىيە ياكى شەھەردىكى چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (入国管理局، قىسقارتىپ 入管局) غا تاپشۇرىدۇ. بۇرۇن بۇنى ئوقۇشقا كەلگۈچىنىڭ بىرەر تۇغقىنى ياكى تونۇشىدىن بىرەرى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلالايتتى. ھازىر بولسا چوقۇم سىز ئوقۇشقا كىرمەكچى بولغان مەكتەپنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك دەپ تەلەپ قىلىنماقتا.

بۇ يەردە سىزنىڭ ياپونىيىدە ئوقۇش جەريانىدىكى ئوقۇش ۋە تۇرمۇش چىقىملىرىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىڭىز نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا سىزنى بۇ دۆلەتكە كىرىشكە لايىقمۇ- ئەمەسمۇ دېگەن نۇقتىدا تۇرۇپ تەپسىلىي تەكشۈرىدۇ. بۇ جەريانغىمۇ ئىلتىماس قىلىنغان ۋاقىتتا تاپشۇرغان ماتېرىياللار، شۇ ۋاقىتتىكى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئاز- كۆپلۈكى دېگەندەك ئەھۋاللارغا قاراپ بىرەر ئايدىن ئۈچ ئايلارغىچە ۋاقىت كېتىدۇ (تۆت ئايدىن ئاشقاندا خەۋەر كەلگەن ئەھۋاللارنىمۇ ئاڭلىغان).

ئەگەر شەرتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇن كېلىپ ياپونىيىگە ئوقۇشقا كېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلىسىڭىز، چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن 在留資格認定証明書، يەنى ياپونىيىدە تۇرۇش سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىسپاتنامىسى چىقىرىپ بېرىلىدۇ ھەم ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئادرېسىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. بۇنى بىز قىسقارتىپ 在留資格証 دەپ ئاتايمىز. بۇنىڭدا سىزنىڭ ياپونىيىدە قانداق سالاھىيەتتە تۇرىدىغانلىقىڭىز يېزىلىدۇ. بۇ تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلغان ۋىزا بىلەن پەرقلىنىدۇ.

3. ۋىزا 査証
ئوقۇشقا كېلىش سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىسپاتنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئوقۇشقا كەلگۈچى بۇ ئىسپاتنامىغا قوشۇپ پاسپورت ۋە باشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ۋاكالەتچى شىركەتلەرنىڭ ۋاكالەتچىلىكىدە ياپونىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ ۋىزا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەلچىخانا ئادەتتە شەخسنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ۋاكالەتچى شىركەتلەر ئۈچۈن ئادەتتە 中国国际旅行社总社 دېگەندەك شىركەتلەرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار 400 يۈەن ئەتراپىدا ۋاكالەت ھەققى ئالىدۇ. تاپشۇرغان ماتېرىياللىرىڭىزدا مەسىلە بولمىسا، ئادەتتە 6 ئىش كۈنىدە ۋىزا چىقىدۇ. ئۇنى ئۆزىڭىز ۋاكالەتچى شىركەت تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ ئېلىۋالسىڭىز ياكى پوچتىدىن ئەۋەتكۈزسىڭىز بولىدۇ.

ۋىزا- بىر دۆلەتنىڭ شۇ دۆلەتكە كىرمەكچى بولغان چەتئەللىكلەرگە قارىتا تارقىتىدىغان تۇرۇش ئىجازەتنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا سىزنىڭ شۇ دۆلەتتە قانداق سالاھىيەتتە قانچە ئۇزۇن تۇرالايدىغانلىقىڭىز ئېنىق يېزىلىدۇ. ياپونىيىگە ئوقۇشقا كېلىشتە چىقىدىغان ۋىزا ئادەتتە «ئوقۇش» ۋىزىسى بولۇپ، مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ. ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ ئۇنىڭ مۇددىتىنى ئىلتىماس ئارقىلىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئوقۇش سالاھىيىتى ئىسپاتى پەقەت ئۈچ ئايلا ئىناۋەتلىك. شۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە چوقۇم ۋىزا ئىلتىماس قىلىش كېرەك. شۇڭا پاسپورت ۋە باشقا ۋىزا ئىلتىماسىغا كېرەكلىك ئىسپات- ماتېرىياللارنى بالدۇرراق تەييارلاپ ياكى تەييارلىقىنى قىلىپ قويغىنىڭىز ياخشى.ئىناۋەتلىك ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە پۈتۈن يولنى قايتا مېڭىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.

2009-01-07

ۋوگزال بويىچە «ئەڭ» 日本火车站第一

1. كۈندىلىك يولۇچى مىقدارى ئەڭ كۆپ ۋوگزال: JR شىنجۇكۇ ۋوگزالى (新宿站)
بىر كۈن ئىچىدە تەخمىنەن 670 مىڭ ئادەم كىرىپ- چىقىدۇ.

2. كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ ۋوگزال: JR توكيو ۋوگزالى (东京站)
كۈندىلىك بېلەت سېتىلىش مىقدارى تەخمىنەن 200 مىڭ دانە،
كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سېتىلىش قىممىتى 130 مىليون يېن.

3. ياپونچە ئىسمى ئەڭ ئۇزۇن ۋوگزال: كۇماموتو ناھىيىسىدىكى مىنامى ئاسو تۆمۈريولى تاكامورى لىنىيىسىنىڭ «مىنامى ئاسو مىزۇنو ئۇمارېرۇ ساتوخاكۇسۇي كوگېن» ۋوگزالى، ياپونچە 南阿蘇水の生まれる里白水高原駅 دەپ يېزىلىدۇ.

4. ياپونچە ئىسمى ئەڭ قىسقا ۋوگزال: مىتو ناھىيىسىدىكى JR تسۇ ۋوگزالى (津站)

5. لاتىن ھەرپى بويىچە ئىسمى ئەڭ قىسقا ۋوگزال: خيوگو ناھىيىسىدىكى JR ئائو (粟生 AO) ۋوگزالى

6. ئەڭ ئېگىز ۋوگزال: ناگويا ناھىيىسىدىكى JR ناگويا ۋوگزالى (名古屋站)
ۋوگزال بىناسى 52 قەۋەت، ئېگىزلىكى 245 مېتىر.


7. ئەڭ ئېگىز يەردىكى ۋوگزال: ناگانو ناھىيىسىدىكى JR نوبې ياما ۋوگزالى (野辺山駅)
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1346 مېتىر.

8. ئەڭ پەس يەردىكى ۋوگزال: يەر ئۈستىدىكىسى ئايچى ناھىيىسىنىڭ JR ياتومى ۋوگزالى (弥富駅)، دېڭىز يۈزىدىن 49 سانتىمېتىر تۆۋەن،
يەر ئاستىدىكىسى خوككايدودىكى دېڭىز ئاستى تونېلىغا جايلاشقان JR يوشىئوكا كايتېي ۋوگزالى (吉岡海底駅)، دېڭىز يۈزىدىن 145 مېتىر تۆۋەن.

9. ئەڭ كۆپ سۇپىسى بار ۋوگزال: JR توكيو ۋوگزالى
13 ۋوگزال سۇپىسىدا 26 لىنىيىنىڭ پويىزى توختايدۇ.

10. ئىسمى ئوخشايدىغان ۋوگزالى ئەڭ كۆپ شەھەر: سايتاما ناھىيىسىدىكى ئۇراۋا شەھىرى
4 پويىز لىنىيىسىنىڭ ئۇراۋا، شەرقىي ئۇراۋا، غەربىي ئۇراۋا، جەنۇبىي ئۇراۋا، شىمالىي ئۇراۋا، ئوتتۇرا ئۇراۋا، مۇساشى ئۇراۋا دېگەن 7 ۋوگزالى بار.

11. ئەڭ ئۇزۇن ۋوگزال سۇپىسى: JR توكيو ۋوگزالىنىڭ 1- لىنىيە سۇپىسى
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 564 مېتىر، ۋاگون بويىچە ھېسابلىغاندا 28 ۋاگونلۇق پويىز توختىيالايدۇ (ئادەتتە ئەڭ ئۇزۇن يولۇچىلار پويىزى 15 ۋاگونلۇق بولىدۇ ).

12. ئەڭ كۆپ پويىز قوزغىلىدىغان ۋوگزال سۇپىسى: ناگويا ناھىيىسىدىكى ناگويا تۆمۈريولى ناگويا ۋوگزالىنىڭ 1- لىنىيە سۇپىسى
ئادەتتىكى كۈنلىرى بىر كۈن ئىچىدە ئاستا پويىز، تېز پويىز، ئالاھىدە تېز پويىز ھەممىسى قوشۇلۇپ 489 قېتىم، ئوتتۇرىچە 2 مىنۇت 20 سېكۇنتلۇق ئارىلىق قويۇپ 13 خىل يۆنىلىشتە ئوخشاش سۇپىدىن قوزغىلىدۇ.

مەنبە: «ياپون جۇغراپىيىسىدىن قىزىقارلىق دەرسلەر» تورى
http://ku0811.hp.infoseek.co.jp

2008-12-20

يويوگى كارتون ئىنستىتۇتى 代代木卡通片学院

代代木卡通片学院

ياپونىيىنىڭ كارتون فىلىم (卡通片) ۋە كومپيۇتېر ئويۇنلىرى (游戏) دۇنياغا داڭلىق. بىزمۇ چوڭ- كىچىك ھەممەيلەن ياپونىيىنىڭ كارتون فىلىملىرىگە ئامراق كېلىمىز. بىزدىكى سانسىز چۆچەك ۋە مەسەللەرنى كارتون فىلىم (卡通片) قىلىپ ئىشلەشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارمۇ كۆپ. ياپونىيىنىڭ كارتون تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىش ئىستىكىدە يۈرۈۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەنە شۇنداق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بۈگۈن ياپونىيىدىكى بىر كەسپىي مەكتەپنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.

يويوگى كارتون ئىنىستىتۇتى (代代木卡通片学院,代々木アニメーション学院) توكيونىڭ شىبۇيا رايونىغا جايلاشقان كەسپىي مەكتەپ بولۇپ، 1978- يىل 25- مايدا قۇرۇلغان. پۈتۈن ياپونىيىدە 12 ئورۇندا تارمىقى بار. پۈتۈن كۈنلۈك، كەچلىك، شەنبىلىك ۋە بىر يىللىق تېز يېتىشتۈرۈش سىنىپلىرى تەسىس قىلىنغان.

1. ئاساسلىق كەسىپلىرى
پۈتۈن كۈنلۈك سىنىپلار ئۈچۈن كارتون فاكۇلتېتى (卡通片系) دا جانلاندۇرۇم (卡通绘制)، كارتون رەڭگى (卡通彩色)، كارتون ئارقا كۆرۈنۈش تېخنىكىسى (卡通背景美术)، كارتون ياساش (卡通制作) كەسىپلىرى، سەنئەت فاكۇلتېتى (艺术) دا ئاۋاز ئارتىسلىقى (配音演员)، ئاۋاز رېژىسسورلۇقى (声音监督) كەسىپلىرى، كومپيۇتېر ئويۇنى فاكۇلتېتى (游戏) دا قونچاق لايىھىلەش (卡通设计师)، كومپيۇتېر گىرافىكىسىدا لايىھىلەش (CG设计师)، سېنارىستلىق (计划者/剧本作家)، پروگرامما تۈزۈش (程序员) كەسىپلىرى، نەشرىيات- شەكىل ياساش فاكۇلتېتى (出版/造型) دا كارتون رەسىم- ژۇرنالچىلىقى (卡通画)، رومان (小说)، ئالاھىدە ئىشلەش (特殊制造) كەسىپلىرى تەسىس قىلىنغان. كەچلىك سىنىپلىرىدا بولسا بۇ كەسىپلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى تاللاپ ئوقۇشقا بولىدۇ.

2. ئوقۇشقا ئىلتىماس كىرىش سالاھىيىتى
پۈتۈن كۈنلۈك سىنىپلارغا ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتنىڭ بىرىنى ھازىرلاش كېرەك:
1) ياپونىيىدىكى 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى تۈگەتكەنلەر
2) چەتئەلدە باشلانغۇچ مائارىپتىن باشلاپ 10 يىلدىن ئارتۇق مۇنتىزىم مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغانلاردىن ياپون تىلىنى چۈشىنەلەيدىغانلار
ئوقۇشقا كىرگۈچىلەر ئوقۇشقا كىرىش ئىلتىماس جەدۋىلىنى توشقۇزۇپ، بىۋاسىتە مەكتەپكە تاپشۇرسا ياكى پوچتىدىن ئەۋەتسە بولىدۇ. ئوقۇشقا كىرىش ئىمتىھانى ئېلىنمايدۇ.
تېز يېتىشتۈرۈش سىنىپىغا مۇشۇ مەكتەپنىڭ 2 يىللىق ئوقۇشىنى تاماملىغانلار ياكى شۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئېگە بولغانلاردىن مەكتەپ ئېتىراپ قىلغانلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
كەچلىك سىنىپلارغا ياپونچىنى چۈشىنەلەيدىغانلا بولسا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن چوڭ بولغان ھەر قانداق ئادەم ئىلتىماس قىلالايدۇ.

3. ئوقۇش پۇلى
پۈتۈن كۈنلۈك سىنىپلارنىڭ تۇنجى يىلىدا رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن 2 تۈمەن يېن(万日元)، ئوقۇشقا كىرىش پۇلى ئۈچۈن 13 تۈمەن يېن(万日元)، يىللىق ئوقۇش خىراجىتى ئۈچۈن 70 تۈمەن يېن(万日元)، ماتېرىيال پۇلى ئۈچۈن 20 تۈمەن يېن(万日元)، مەكتەپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىق پۇلى ئۈچۈن 2 تۈمەن يېن(万日元) بولۇپ جەمئىي 107 تۈمەن يېن كېتىدۇ. 2- يىلى يىللىق ئوقۇش خىراجىتى ئۈچۈن 70 تۈمەن يېن(万日元)، ماتېرىيال ھەققى ئۈچۈن 20 تۈمەن يېن(万日元) بولۇپ، 2 يىلدا جەمئىي 197 تۈمەن يېن(万日元) كېتىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى 2 تۈرلۈك خىراجەت، يەنى 15 تۈمەن يېننى ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىپ 2 ھەپتە ئىچىدە، قالغانلىرىنى يىلدا 2 قېتىمغا بۆلۈپ تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.
تېز يېتىشتۈرۈش سىنىپىنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش ۋە ماتېرىيال ھەققى ئۈچۈن 90 تۈمەن يېن كېتىدۇ. ئۇنى بىرلا قېتىمدا تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
كەچلىك سىنىپلارنىڭ رەسمىيەت ھەققى، ئوقۇشقا كىرىش پۇلى ۋە يىللىق ئوقۇش پۇلى بولۇپ جەمئىي 27 تۈمەن يېننى بىراقلا ياكى ھەر ئايدا بۆلۈپ تۆلەشكە بولىدۇ.
شەنبىلىك سىنىپلارنىڭ يىللىق ئوقۇش خىراجىتى 38 تۈمەن يېن.
بىرلا قېتىمدا 2 كەسىپكە كىرىپ ئوقۇشقا بولىدىغان سىنىپلارمۇ تەسىس قىلىنغان. قوشۇمچە تاللىغان كەسىپنىڭ ئوقۇش پۇلى يىلىغا 30 تۈمەن يېن.
مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى، ياتاق ۋە باشقا دۆلەتلىك سالاھىيەت ئىمتىھانلىرى ئۈچۈن ھەر خىل ياردەم ۋە ئۇچۇرلار تەمىنلىنىدۇ.

تۆۋەندىكىسى ناگويادىكى مەكتەپنىڭ كارتون ئارقا كۆرۈنۈش (卡通背景美术) كەسپىدىكى شىمادا مۇئەللىم تارتىلغان سۈرەتكە ئاساسەن 15 خىلدەك رەڭدە سىزىپ چىققان رەسىم.


بۇ مەكتەپ توغرىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مەكتەپنىڭ تور بېتىنى زىيارەت قىلىڭ.
http://yoani.jp

2008-12-15

توكيونىڭ ھاۋارايى 东京的天气

توكيونىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپىراتۇرىسى ۋە نەملىك دەرىجىسى
东京的累年平均温度和湿度

ياپونىيىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى مۆتىدىل بەلۋاغقا جايلاشقان. تۆت ئەتراپى دېڭىز بىلەن قورشىلىپ تۇرغاچقا، نەم ئىسسىق ھاۋا كىلىماتى گەۋدىلىك. شىمالدىكى ئەڭ سوغۇق جاي- خوككايدو (北海道) دا تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلسىمۇ، جەنۇبتىكى ئەڭ ئىسسىق جاي بولغان ئوكىناۋا (冲绳) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردا تېمپېراتۇرا يىل بويى دېگۈدەك نۆلدىن يۇقىرى ھالەتتە بولىدۇ. تۆۋەندىكى توكيونىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ۋە ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسىدىنمۇ بۇنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

يانۋار: 5.8 گرادۇس 50 پىرسەنت
فېۋرال: 6.1 گرادۇس 51 پىرسەنت
مارت: 8.9 گرادۇس 57 پىرسەنت
ئاپرېل: 14.4 گرادۇس 62 پىرسەنت
ماي: 18.7 گرادۇس 66 پىرسەنت
ئىيۇن: 21.8 گرادۇس 73 پىرسەنت
ئىيۇل: 25.4 گرادۇس 75 پىرسەنت
ئاۋغۇست: 27.1 گرادۇس 72 پىرسەنت
سېنتەبىر: 23.5 گرادۇس 72 پىرسەنت
ئۆكتەبىر: 18.2 گرادۇس 66 پىرسەنت
نويابىر: 13.0 گرادۇس 60 پىرسەنت
دېكابىر: 8.4 گرادۇس 53 پىرسەنت
ئوتتۇرىچە: 15.9 گرادۇس 63 پىرسەنت

توكيونىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى (累年平均最高温度) ئاۋغۇستتىكى 30.8 گرادۇس، يىللىق ئوتتۇرىچە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى(累年平均最低温度) يانۋاردىكى 2.1 گرادۇس؛
يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل يېغىن مىقدارى (累年平均降水量) بولسا 1466.7 مىللىمېتىر، سېنتەبىر ئېيىدا ئەڭ كۆپ. بۇنىڭ سەۋەبى، ھەر يىلى 8- ئايلاردىن باشلاپ 10- ئايلارغىچە بولغان ئارىلىقتا چوڭ- كىچىك ئون نەچچە دېڭىز بورىنى (台风) توكيودىن ئۆتىدۇ ياكى كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ.بەزى دېڭىز بورىنى كەلگەندە، سائەتلىك يامغۇر مىقدارى 100 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ.

مەنبە:気象人(ھاۋارايىشۇناسلار) تورى
http://www.weathermap.co.jp/kishojin/index.php

2008-12-11

ياپونىيىدىكى مەكتەپلەر 日本的学校

ياپونىيىدىكى بالىلار باغچىسىدىن تارتىپ ئۇنىۋېرسىتېتلارغىچە ھەممىسى 国立 دۆلەت ئىگىلىكىدىكى (تۆۋەندە دۆلەتلىك دەپ ئېلىنىدۇ)،公立 يەرلىك ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى (تۆۋەندە يەرلىك دەپ ئېلىنىدۇ) ۋە 私立 خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى (تۆۋەندە خۇسۇسىي دەپ ئېلىنىدۇ) مەكتەپلەر دەپ ئايرىلىدۇ.
ياپونىيە ئىلىم-پەن- مەدەنىيەت ۋازارىتى (文部科学省) نىڭ 2008- يىللىق ستاتىستىكىسى بويىچە پۈتۈن ياپونىيىدە 60 مىڭغا يېقىن مەكتەپ بار بولۇپ، قىسقىچە ستاتىستىكىسى تۆۋەندىكىچە:
1. 幼儿园بالىلار باغچىسى: دۆلەتلىك 49، يەرلىك 5,301، خۇسۇسىي 8,276، جەمئىي 13,589، ئوقۇغۇچى سانى 1,674,172
2. 小学 باشلانغۇچ مەكتەپ: دۆلەتلىك 73، يەرلىك 22,197، خۇسۇسىي 206، جەمئىي 22,476، ئوقۇغۇچى سانى 7,121,761
3. 初中 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ: دۆلەتلىك 76، يەرلىك 10,104، خۇسۇسىي 735، جەمئىي 10,915، ئوقۇغۇچى سانى 3,592,406
4. 高中 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ: دۆلەتلىك 15، يەرلىك 3,906، خۇسۇسىي 1,321، جەمئىي 5,242، ئوقۇغۇچى سانى 3,366,460
5. 高专 ئالىي تېخنىكوم: دۆلەتلىك 55، يەرلىك 6، خۇسۇسىي 3، جەمئىي 64، ئوقۇغۇچى سانى 59,446
6. 短期大学 قىسقا مۇددەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار: دۆلەتلىك 2، يەرلىك 29، خۇسۇسىي 386، جەمئىي 417، ئوقۇغۇچى سانى 172,726
7. 大学 مۇنتىزىم ئۇنىۋېرسىتېتلار: دۆلەتلىك 86، يەرلىك 90، خۇسۇسىي 589، جەمئىي 765، ئوقۇغۇچى سانى 2,835,242
8. باشقىلار: دۆلەتلىك 103، يەرلىك 1,203، خۇسۇسىي 4,858، جەمئىي 6,128، ئوقۇغۇچى سانى 924,870

مۇنتىزىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىچىدە ئاسپرانتلار ئىنىستىتۇتى (研究生院) تەسىس قىلىنغانلىرى 604 بولۇپ، بۇنىڭ 85 ى دۆلەتلىك، 76 سى يەرلىك، 443 ى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى مەكتەپتىن ئىبارەت.
ماگىستېر ئاسپرانتلىرى 165,423، دوكتور ئاسپرانتلىرى 74,231، تېخنىكىلىق ئۇنۋان ئاسپرانتلىرى 23,033 نەپەر.
2008- يىل 3- ئايدا، 555,408 نەپەر باكلاۋېر، 73,839 نەپەر ماگېستىر، 16,257 نەپەر دوكتور ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇنۋان ئالغان.
توكيونىڭ ئۆزىدىلا 134 ئۇنىۋېرسىتېت بار بولۇپ، ئوقۇغۇچى سانى 710,656. بۇئۇنىۋېرسىتېتلاردىن 117 سى خۇسۇسىي ئىگىلىكتە، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى ئومۇمىي ساننىڭ 87.7 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ.

2007- يىلدىكى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقانلار ئىچىدە 103,661 نەپەر چەتئەللىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 93,212 نەپىرى ئوقۇش ۋىزىسى بىلەن تۇرۇۋاتقانلار. ماگىستېر ئاسپرانتلىرى 32,895 نەپەر، دوكتور ئاسپرانتلىرى 2,503 نەپەر. ماگېستىر ئاسپرانتلىرىدىن 19,903 نەپىرى دۆلەتلىك، 1,377 نەپىرى يەرلىك، 11,615 نەپىرى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا. دوكتور ئاسپرانتلىرىدىن 21 نەپىرى يەرلىك ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقاندىن باشقا، قالغان ھەممىسى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقانلاردۇر.

تولۇق كۇرس ۋە ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك قىز- ئوغۇل (ئەر- ئايال) لارنىڭ نىسبىتى ئاساسەن تەڭ بولسىمۇ، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئەرلەر (1,561 نەپەر) ئاياللار (942 نەپەر) دىن بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپ.
بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلار توغرىسىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلار بۇندىن كېيىن رەتلەپ ئېلان قىلىنىدۇ.

2008-11-22

«دۇچۇ»: كېن تاكاكۇرا (高倉 健)

ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان «قوغلاپ تۇتۇش» فىلىمىدە دۇچۇنىڭ رولىنى ئالغان كىشى.
تاكاكۇراكېن (高倉 健: ياپونچە تەرتىپتە ئوقۇلۇشى، ئەسلى ئىسمى گوئىچى ئودا- 小田 剛一) ئەپەندى 1931- يىل 2- ئاينىڭ 16- كۈنى فۇكۇئوكا ناھىيىسىنىڭ ناكاما شەھىرىدە (福岡県中間市) تۇغۇلغان. بوي ئېگىزلىكى 180 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 81 كىلوگىرام، قان تىپى A (يەنە بىر ماتېرىيالدا B دېيىلگەن). 2006- يىلى «مەدەنىيەت تۆھپىكارى»(文化功労者) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ياپونىيىنىڭ ۋەكىللىك ئارتىسلىرىدىن بىرى بولۇپ، يېرىم ئەسىردىن كۆپ ۋاقىتتىن بېرى رول ئېلىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچان كىشى.
ئۇنىڭ كىنو ھاياتى 1956- يىلدىكى «چاقماقتەك زەربە» (電光空手打ち) فىلىمىدىن باشلانغان. شۇنىڭدىن بېرى 52 كىنو- فىلىم ۋە 5 تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان. ئۇ ئورۇنلىغان ۋەكىللىك خاراكتېردىكى كىنو- فىلىم ناخشىلىرىدىن 19 ى بار. ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 15 قېتىم ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «سەپەر ئۈستىدە» (旅の途中で)، «جەنۇبىي قۇتۇپتىكى پىنگىۋىن» ((南极的企鹅)南極のペンギン) قاتارلىق 4 كىتابى نەشر قىلىنغان. يەنە نۇرغۇنلىغان تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىدا رول ئالغان.
تاكاكۇراكېن ئەپەندى 1959- يىلى ناخشىچى ھەم كىنو ئارتىسى چىئېمى ئېرى (江利チエミ) بىلەن توي قىلىپ 1971- يىلى ئاجرىشىپ كەتكەن. شۇندىن بېرى بويتاق ياشاپ كەلمەكتە.
تاكاكۇراكېن ئەپەندى بىزگە تونۇشلۇق «قوغلاپ تۇتۇش» فىلىمىدە «مورىئوكا» ئىسىملىك تەپتىش خادىمىنىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىغان. بۇ فىلىم ئۇنىڭ توئې فىلىم شىركىتىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى ئەسىرى بولۇپ، بۇ فىلىم ئارقىلىق بۇرۇن رول ئېلىپ كەلگەن زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى فىلىملەرنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلغان.


ئەڭ يېقىنقى فىلىملىرىدىن «铁道员 تۆمۈريول خادىمى» (2002- يىل، ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) ۋە «単騎、千里を走る تەنھا چەۋەنداز» (2005- يىل ئىشلەنگەن، فىلىم نامى ئۆزگەرتىپ ئېلىندى) قاتارلىقلار بار.

ئىۋاتې ناھىيىسىدىكى شىزۇكۇئىشى دەرياسى

شىزۇكۇئىشى دەرياسى (雫石川) ئىۋاتې ناھىيىسى (岩手県) دىن ئېقىپ ئۆتىدىغان كىتاكامى دەرياسى (北上川)نىڭ بىر تارماق ئېقىنى بولۇپ، ئىۋاتې ۋە ئاكىتا ناھىيىسى (秋田県) نىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان 1637 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھەرىكەتتىكى يانارتاغ- ئاكىتا كوماگاتاكې (秋田駒ヶ岳) دىن باشلىنىپ، شەرققە قاراپ ئېقىپ، بىر نەچچە تارماق ئېقىنلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن گوشو سۇ ئامبىرى (御所ダム) دىن ئۆتۈپ، كىتاكامى دەرياسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.



كىتاكامى دەرياسى بولسا ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 294 كىلومېتىر كېلىدىغان، ياپونىيە بويىچە 4- ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دەريا.
ياپونىيىنىڭ ھاۋاسى نەم، ھۆل- يېغىن مىقدارى كۆپ بولغاچقا، مەيلى قەيەرگىلا بارماڭ، مۇشۇنداق يېشىلچىلىق كۆزگە چېلىقىدۇ.

2008-09-12

100 ياشتىن يۇقىرىلار 36 مىڭ

ياپونىيىنىڭ سەھىيە، ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق مىنىستىرلىكى (厚生労働省) نىڭ 12- چېسلا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا 100 ياشتىن ئاشىدىغان ياشانغانلارنىڭ سانى تارىختا ئەڭ كۆپ بولغان 36276 كىشىگە يېتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 5063 كىشى، ئاياللار 31213 كىشى بولۇپ، ئومۇمىي ساندا ئۆتكەن يىلقىدىن 3981 كىشى ئاشىدىكەن.

بۇ دوكلات 15- سېنتەبىر ياشانغانلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان. 2005- يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان 100 ياشتىن ئاشقانلارنى رەتكە تىزىپ ئېلان قىلىش ئىشىغا قارىتا، ئاشكارا ئېلان قىلىنىشنى خالىمايدىغانلار كۆپەيگەچكە رەت تەرتىپى بويىچە ئېلان قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ياپونلۇقلار ئىچىدە ھازىرقى ئەر «ئۆمۈر چولپىنى» مىيازاكى ناھىيىسىدىكى 112 ياشقا كىرگەن توموجى تانابې ئەپەندى بولۇپ، 1895- يىل 18- سېنتەبىر تۇغۇلغان. 2007- يىل 1- ئايدا ئەر ئۆمۈر چولپىنى بولۇپ گېنىس قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن. ياپونلۇق ئاياللار ئىچىدە ياشتا ئەڭ چوڭ بولغىنى ئوكىناۋا ناھىيىسىدىن بولۇپ(نامى ئاشكارىلانمىغان) ، 113 ياشقا كىرگەن.

ئوكىناۋا ناھىيىسى 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ سانى پۈتۈن ياپون بويىچە ئەڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، 100 ياشتىن ئاشقان ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ سانى بويىچە ئۇدا 36 يىل 1- ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە.

مەنبە: ياخۇ تورى