باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2008-12-20

يويوگى كارتون ئىنستىتۇتى 代代木卡通片学院

代代木卡通片学院

ياپونىيىنىڭ كارتون فىلىم (卡通片) ۋە كومپيۇتېر ئويۇنلىرى (游戏) دۇنياغا داڭلىق. بىزمۇ چوڭ- كىچىك ھەممەيلەن ياپونىيىنىڭ كارتون فىلىملىرىگە ئامراق كېلىمىز. بىزدىكى سانسىز چۆچەك ۋە مەسەللەرنى كارتون فىلىم (卡通片) قىلىپ ئىشلەشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارمۇ كۆپ. ياپونىيىنىڭ كارتون تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىش ئىستىكىدە يۈرۈۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەنە شۇنداق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بۈگۈن ياپونىيىدىكى بىر كەسپىي مەكتەپنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.

يويوگى كارتون ئىنىستىتۇتى (代代木卡通片学院,代々木アニメーション学院) توكيونىڭ شىبۇيا رايونىغا جايلاشقان كەسپىي مەكتەپ بولۇپ، 1978- يىل 25- مايدا قۇرۇلغان. پۈتۈن ياپونىيىدە 12 ئورۇندا تارمىقى بار. پۈتۈن كۈنلۈك، كەچلىك، شەنبىلىك ۋە بىر يىللىق تېز يېتىشتۈرۈش سىنىپلىرى تەسىس قىلىنغان.

1. ئاساسلىق كەسىپلىرى
پۈتۈن كۈنلۈك سىنىپلار ئۈچۈن كارتون فاكۇلتېتى (卡通片系) دا جانلاندۇرۇم (卡通绘制)، كارتون رەڭگى (卡通彩色)، كارتون ئارقا كۆرۈنۈش تېخنىكىسى (卡通背景美术)، كارتون ياساش (卡通制作) كەسىپلىرى، سەنئەت فاكۇلتېتى (艺术) دا ئاۋاز ئارتىسلىقى (配音演员)، ئاۋاز رېژىسسورلۇقى (声音监督) كەسىپلىرى، كومپيۇتېر ئويۇنى فاكۇلتېتى (游戏) دا قونچاق لايىھىلەش (卡通设计师)، كومپيۇتېر گىرافىكىسىدا لايىھىلەش (CG设计师)، سېنارىستلىق (计划者/剧本作家)، پروگرامما تۈزۈش (程序员) كەسىپلىرى، نەشرىيات- شەكىل ياساش فاكۇلتېتى (出版/造型) دا كارتون رەسىم- ژۇرنالچىلىقى (卡通画)، رومان (小说)، ئالاھىدە ئىشلەش (特殊制造) كەسىپلىرى تەسىس قىلىنغان. كەچلىك سىنىپلىرىدا بولسا بۇ كەسىپلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى تاللاپ ئوقۇشقا بولىدۇ.

2. ئوقۇشقا ئىلتىماس كىرىش سالاھىيىتى
پۈتۈن كۈنلۈك سىنىپلارغا ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتنىڭ بىرىنى ھازىرلاش كېرەك:
1) ياپونىيىدىكى 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى تۈگەتكەنلەر
2) چەتئەلدە باشلانغۇچ مائارىپتىن باشلاپ 10 يىلدىن ئارتۇق مۇنتىزىم مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغانلاردىن ياپون تىلىنى چۈشىنەلەيدىغانلار
ئوقۇشقا كىرگۈچىلەر ئوقۇشقا كىرىش ئىلتىماس جەدۋىلىنى توشقۇزۇپ، بىۋاسىتە مەكتەپكە تاپشۇرسا ياكى پوچتىدىن ئەۋەتسە بولىدۇ. ئوقۇشقا كىرىش ئىمتىھانى ئېلىنمايدۇ.
تېز يېتىشتۈرۈش سىنىپىغا مۇشۇ مەكتەپنىڭ 2 يىللىق ئوقۇشىنى تاماملىغانلار ياكى شۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئېگە بولغانلاردىن مەكتەپ ئېتىراپ قىلغانلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
كەچلىك سىنىپلارغا ياپونچىنى چۈشىنەلەيدىغانلا بولسا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن چوڭ بولغان ھەر قانداق ئادەم ئىلتىماس قىلالايدۇ.

3. ئوقۇش پۇلى
پۈتۈن كۈنلۈك سىنىپلارنىڭ تۇنجى يىلىدا رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن 2 تۈمەن يېن(万日元)، ئوقۇشقا كىرىش پۇلى ئۈچۈن 13 تۈمەن يېن(万日元)، يىللىق ئوقۇش خىراجىتى ئۈچۈن 70 تۈمەن يېن(万日元)، ماتېرىيال پۇلى ئۈچۈن 20 تۈمەن يېن(万日元)، مەكتەپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىق پۇلى ئۈچۈن 2 تۈمەن يېن(万日元) بولۇپ جەمئىي 107 تۈمەن يېن كېتىدۇ. 2- يىلى يىللىق ئوقۇش خىراجىتى ئۈچۈن 70 تۈمەن يېن(万日元)، ماتېرىيال ھەققى ئۈچۈن 20 تۈمەن يېن(万日元) بولۇپ، 2 يىلدا جەمئىي 197 تۈمەن يېن(万日元) كېتىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى 2 تۈرلۈك خىراجەت، يەنى 15 تۈمەن يېننى ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىپ 2 ھەپتە ئىچىدە، قالغانلىرىنى يىلدا 2 قېتىمغا بۆلۈپ تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.
تېز يېتىشتۈرۈش سىنىپىنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش ۋە ماتېرىيال ھەققى ئۈچۈن 90 تۈمەن يېن كېتىدۇ. ئۇنى بىرلا قېتىمدا تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
كەچلىك سىنىپلارنىڭ رەسمىيەت ھەققى، ئوقۇشقا كىرىش پۇلى ۋە يىللىق ئوقۇش پۇلى بولۇپ جەمئىي 27 تۈمەن يېننى بىراقلا ياكى ھەر ئايدا بۆلۈپ تۆلەشكە بولىدۇ.
شەنبىلىك سىنىپلارنىڭ يىللىق ئوقۇش خىراجىتى 38 تۈمەن يېن.
بىرلا قېتىمدا 2 كەسىپكە كىرىپ ئوقۇشقا بولىدىغان سىنىپلارمۇ تەسىس قىلىنغان. قوشۇمچە تاللىغان كەسىپنىڭ ئوقۇش پۇلى يىلىغا 30 تۈمەن يېن.
مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى، ياتاق ۋە باشقا دۆلەتلىك سالاھىيەت ئىمتىھانلىرى ئۈچۈن ھەر خىل ياردەم ۋە ئۇچۇرلار تەمىنلىنىدۇ.

تۆۋەندىكىسى ناگويادىكى مەكتەپنىڭ كارتون ئارقا كۆرۈنۈش (卡通背景美术) كەسپىدىكى شىمادا مۇئەللىم تارتىلغان سۈرەتكە ئاساسەن 15 خىلدەك رەڭدە سىزىپ چىققان رەسىم.


بۇ مەكتەپ توغرىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مەكتەپنىڭ تور بېتىنى زىيارەت قىلىڭ.
http://yoani.jp

جەمئىي 3 ئىنكاس بار.

SAHRA نىڭ 2009年1月3日 19:31:00 دا يازغىنى:

مەن دەل ياپونىيەدە جانلاندۇرۇم تىخىنىكىسىدا ئوقۇيمىكىن دەيمەن، مەسلىھەت بىرمسىز،مەن تىخى ئالى مەكتەپنى بىرىنجى يىللىقىدا
كەسپىم گۈزەل سەنئەت


ساكۇرا نىڭ 2009年1月4日 16:53:00 دا يازغىنى:

گەرچە كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى قىممەت بولسىمۇ، لېكىن مۇنتىزىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئاسپرانتلار ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغانغا قارىغاندا ئۆگىنەلەيدىغان بىلىملەر كۆپ بولىدۇ. سەۋەب ناھايىتى ئاددىي: ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتىدا تەتقىقات ئاساس، دەرس قوشۇمچە بولىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بىر تېمىنى تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
شۇڭا ئەگەر جانلاندۇرۇم تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلەي دېسىڭىز كەسپىي مەكتەپكە كەلگىنىڭىز ياخشى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى كەسپىڭىزنى بېرىلىپ ئۆگەنگەندىن باشقا يەنە ياپون تىلىغا قوشۇپ كومپيۇتېردا پىروگرامما تۈزۈشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىڭ. مۇمكىن بولسا ئوقۇش پۈتتۈرگىچە بىر قانچە ئەسەرنى قولدىن چىقىرىڭ. ئوقۇشقا كىرىشتە كۆپ پايدىسى بولىدۇ. ئاندىن قالسا ئوقۇش پۇلى ۋە ئوقۇشقا چىقىش رەسمىيەتلىرىگە بالدۇرراق تەييارلىق قىلىپ قويغىنىڭىز ياخشى. كەسپىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كېلىش ئۈچۈن ئاسپرانتلىق ئوقۇشىغا سېلىشتۇرغاندا رەسمىيەت سەل كۆپ ھەم قىيىنراق بولىدۇ. لېكىن بالدۇرراق تۇتۇش قىلسىڭىز، ۋاقتى كەلگەندە تەمتىرەپ قالمايسىز.
دىققىتىڭىز داۋاملىق بۇندىن كېيىنكى يازمىلىرىمىزدا بولسۇن.


SAHRA نىڭ 2009年1月12日 14:59:00 دا يازغىنى:

رەھمەت سىزگە.كىيىنكى تىمىلىرىڭىزنى كۈتىمەن!


ئىنكاس يېزىش ئورنى


ئىنكاسنى يۇقارقى رامكىدا يېزىۋېلىپ
تۆۋەندىكى رامكىغا چاپلاپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.