باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2008-03-11

نورۇز گۈلى ۋە بلوگ ھەققىدە

(سەمىمىي ئەسكەرتىش: توردىكى مەزمۇن تەكرارلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەسكەرتىمىزكى، مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ. توغرا چۈشىنىشىڭىز ۋە ھەمكارلىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.)

بلوگىمىز ياپونىيىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق دوستلىرىمىزنىڭ ياپونىيە، ياپون خەلقى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىتا توغرا تونۇش ھاسىل قىلىشىغا ئازدۇر- كۆپتۇر ياردەم بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.

ساكۇرا- ياپونچە «桜» دەپ ئاتىلىدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا شۇ دەرەخنىڭ چېچىكى مەنىسىدە «نورۇز گۈلى» دەپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ساكۇرا باھاردا ئاق رەڭلىك ياكى سۇس قىزىلدىن تارتىپ توق قىزىلغىچە رەڭدە چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ. ياپونلۇقلار ئۇنىڭ مېۋىسىنىلا ئەمەس، بەلكى چېچەك ۋە يوپۇرماقلىرىنىمۇ ھەر خىل شەكلىدە ئىستېمال قىلىدۇ. ئۇنى ياپونلۇقلار باھارنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بۇرۇندىن تولىمۇ ياقتۇرۇپ كەلگەن.

ساكۇرانىڭ تۈرلىرى تولىمۇ كۆپ بولۇپ، ياپونىيىدە بۇرۇندىن بار بولغان ۋە يېڭىدىن يېتىشتۈرۈلگەنلەر بولۇپ 600 خىلدىن ئاشىدۇ. گەرچە قانۇندا بەلگىلەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ياپونىيىگە نىسبەتەن دۆلەت گۈلى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ. مېيجى (明治) دەۋرىدىن باشلاپ ئارمىيە، مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ فورمىلىرىدا ۋە پاگون- ئىزناكلىرىدا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ھازىرمۇ ساقچى ۋە قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ قالقان- بەلگىلىرىدە ۋە تەڭگە پۇلدا ئىشلىتىلمەكتە.
ياپونىيىدە يەنە ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى «ساكۇرا كۈنى» قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھەر يىلى تەخمىنەن مۇشۇ ۋاقىتلاردا ساكۇرالار ھۈپپىدە ئېچىلىپ، پۈتۈن ئەتراپ تولىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ياپونلۇقلار ساكۇرا دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا چېچەك پەيزىنى سۈرگەچ «گۈل سەيلىسى(花見)» قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ.
ساكۇرا دەرىخى باغچا ۋە يول بويلىرىدا مەنزىرە دەرىخى قىلىنىشتىن باشقا، كىچىك ئۆي جاھازلىرىنىڭ ماتېرىيالى قىلىپمۇ ئىشلىتىلىدۇ. چېچىكىدىن چاي ۋە ھەرخىل تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ياساشقا بولىدۇ. دەرەخ پوستىدىن يۆتەل توختىتىش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرىمۇ ياسىلىدۇ. يەنە ساكۇرا تېما قىلىنغان نۇرغۇنلىغان ناخشا، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنو قاتارلىقلارمۇ بار.
نورۇز گۈلى نورۇز گۈلى
(رەسىم مەنبەسى ۋە تېخىمۇ كۆپ رەسىملەر: http://www.wikipedia.org/)

يىغىپ ئېيتقاندا، ساكۇرا، يەنى نورۇز گۈلىنىڭ ياپونلۇقلارغا بولغان تەسىرى ناھايىتىمۇ چوڭقۇر. شۇڭا ئۇنى ياپونىيىنىڭ بىر بەلگىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەزكۇر بلوگقا ئۇنىڭ نامىنى قويۇشىمىزنىڭ ۋەجىمۇ ئەنە شۇ.

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى.

ئىنكاس يېزىش ئورنى


ئىنكاسنى يۇقارقى رامكىدا يېزىۋېلىپ
تۆۋەندىكى رامكىغا چاپلاپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.