باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2009-01-10

ئوقۇشقا كېلىشتىكى ئۈچ ئاتالغۇ

بۇ يەردە ياپونىيىدە ئوقۇش ئۈچۈن يول ماڭغاندا ئۇچرايدىغان ھەم ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىدىغان ئۈچ ئاتالغۇ ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1. ئوقۇشقا كىرىش ئۇقتۇرۇشى 入学通知書
ياپونىيىگە ئوقۇشقا كېلىش ئۈچۈن ماڭىدىغان يول ئادەتتە ئوقۇماقچى بولغان كەسىپتىكى ئوقۇتقۇچىنى ئىزدەشتىن باشلىنىدۇ. ئادەتتە يۈز- تۇرانە ياكى ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ قوشۇلۇشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئوقۇشقا كىرىش ئىلتىماسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى مەكتەپكە تاپشۇرىدىغان گەپ. بۇلارنى ياپونىيىدىكى ئۇرۇق- تۇغقان ياكى دوستلىرىڭىزدىن بىرەرى سىزگە بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ.

مەكتەپ ئىلتىماس ماتېرىياللىرىڭىزنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن پروفېسسورلارنىڭ قەرەللىك يىغىندا مۇزاكىرە قىلىپ سىزنى ئوقۇشقا ئېلىش- ئالماسلىقنى بېكىتىدۇ. بۇنىڭغا يىغىننىڭ ۋاقتى ۋە ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بىرەر ئايچە ۋاقىت كېتىدۇ. يىغىندا سىزنى قوبۇل قىلىش قارارى چىقىرىلغاندىن كېيىن مەكتەپتىن 入学通知書، يەنى «ئوقۇشقا كىرىش ئۇقتۇرۇشى» چىقىرىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا سىزنىڭ قايسى ۋاقىتتىن قايسى ۋاقىتقىچە قايسى تېمىدا قايسى پروفېسسورنىڭ يېتەكلىشىدە ئوقۇيدىغانلىقىڭىز ئېنىق يېزىلىدۇ. بۇنى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئوقۇشقا كەلگۈچى بۇ چاقىرىققا ئاساسەن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانا ياكى ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ پاسپورت ئىلتىماس قىلغاچ تۇرسا بولىدۇ.

2. ياپونىيىدە تۇرۇش سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىسپاتنامىسى 在留資格認定証明書

مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا قوشۇپ ئىلتىماس جەدۋىلى ۋە سىزنىڭ ئىقتىسادىي كاپالەتچىڭىزنىڭ ئىسپاتى دېگەندەك باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزى تەۋە بولغان ناھىيە ياكى شەھەردىكى چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (入国管理局، قىسقارتىپ 入管局) غا تاپشۇرىدۇ. بۇرۇن بۇنى ئوقۇشقا كەلگۈچىنىڭ بىرەر تۇغقىنى ياكى تونۇشىدىن بىرەرى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلالايتتى. ھازىر بولسا چوقۇم سىز ئوقۇشقا كىرمەكچى بولغان مەكتەپنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك دەپ تەلەپ قىلىنماقتا.

بۇ يەردە سىزنىڭ ياپونىيىدە ئوقۇش جەريانىدىكى ئوقۇش ۋە تۇرمۇش چىقىملىرىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىڭىز نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا سىزنى بۇ دۆلەتكە كىرىشكە لايىقمۇ- ئەمەسمۇ دېگەن نۇقتىدا تۇرۇپ تەپسىلىي تەكشۈرىدۇ. بۇ جەريانغىمۇ ئىلتىماس قىلىنغان ۋاقىتتا تاپشۇرغان ماتېرىياللار، شۇ ۋاقىتتىكى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئاز- كۆپلۈكى دېگەندەك ئەھۋاللارغا قاراپ بىرەر ئايدىن ئۈچ ئايلارغىچە ۋاقىت كېتىدۇ (تۆت ئايدىن ئاشقاندا خەۋەر كەلگەن ئەھۋاللارنىمۇ ئاڭلىغان).

ئەگەر شەرتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇن كېلىپ ياپونىيىگە ئوقۇشقا كېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلىسىڭىز، چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن 在留資格認定証明書، يەنى ياپونىيىدە تۇرۇش سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىسپاتنامىسى چىقىرىپ بېرىلىدۇ ھەم ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئادرېسىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. بۇنى بىز قىسقارتىپ 在留資格証 دەپ ئاتايمىز. بۇنىڭدا سىزنىڭ ياپونىيىدە قانداق سالاھىيەتتە تۇرىدىغانلىقىڭىز يېزىلىدۇ. بۇ تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلغان ۋىزا بىلەن پەرقلىنىدۇ.

3. ۋىزا 査証
ئوقۇشقا كېلىش سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىسپاتنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئوقۇشقا كەلگۈچى بۇ ئىسپاتنامىغا قوشۇپ پاسپورت ۋە باشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ۋاكالەتچى شىركەتلەرنىڭ ۋاكالەتچىلىكىدە ياپونىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ ۋىزا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەلچىخانا ئادەتتە شەخسنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ۋاكالەتچى شىركەتلەر ئۈچۈن ئادەتتە 中国国际旅行社总社 دېگەندەك شىركەتلەرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار 400 يۈەن ئەتراپىدا ۋاكالەت ھەققى ئالىدۇ. تاپشۇرغان ماتېرىياللىرىڭىزدا مەسىلە بولمىسا، ئادەتتە 6 ئىش كۈنىدە ۋىزا چىقىدۇ. ئۇنى ئۆزىڭىز ۋاكالەتچى شىركەت تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ ئېلىۋالسىڭىز ياكى پوچتىدىن ئەۋەتكۈزسىڭىز بولىدۇ.

ۋىزا- بىر دۆلەتنىڭ شۇ دۆلەتكە كىرمەكچى بولغان چەتئەللىكلەرگە قارىتا تارقىتىدىغان تۇرۇش ئىجازەتنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا سىزنىڭ شۇ دۆلەتتە قانداق سالاھىيەتتە قانچە ئۇزۇن تۇرالايدىغانلىقىڭىز ئېنىق يېزىلىدۇ. ياپونىيىگە ئوقۇشقا كېلىشتە چىقىدىغان ۋىزا ئادەتتە «ئوقۇش» ۋىزىسى بولۇپ، مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ. ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ ئۇنىڭ مۇددىتىنى ئىلتىماس ئارقىلىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئوقۇش سالاھىيىتى ئىسپاتى پەقەت ئۈچ ئايلا ئىناۋەتلىك. شۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە چوقۇم ۋىزا ئىلتىماس قىلىش كېرەك. شۇڭا پاسپورت ۋە باشقا ۋىزا ئىلتىماسىغا كېرەكلىك ئىسپات- ماتېرىياللارنى بالدۇرراق تەييارلاپ ياكى تەييارلىقىنى قىلىپ قويغىنىڭىز ياخشى.ئىناۋەتلىك ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە پۈتۈن يولنى قايتا مېڭىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى.

ئىنكاس يېزىش ئورنى


ئىنكاسنى يۇقارقى رامكىدا يېزىۋېلىپ
تۆۋەندىكى رامكىغا چاپلاپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.