باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2009-01-18

ياپونىيىدىكى بايراملار 日本の祝日

نۆۋەتتە ياپونىيە كالېندارىدا دۆلەتلىك بايرام كۈنىدىن 15 كۈن بار بولۇپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەنى 1948- يىل 20- ئىيۇلدا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان «بايرام كۈنى قانۇنى» غا ئاساسەن بېكىتىلىپ، ھازىرغىچە بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەن.

1. 1- يانۋار: 元日 يېڭى يىل كۈنى. تېمىسى: «يېڭى يىلنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەيلى».
2. يانۋارنىڭ 2- دۈشەنبىسى: 成人の日 قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنى. تېمىسى: «قۇرامىغا يەتكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش يولىغا ماڭغان ياشلارنى تەبرىكلەپ ئىلھاملاندۇرايلى».
بۇ كۈن توغرىلىق ئالدىنقى يازمىمىزدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق.
3. 11- فېۋرال: 建国記念の日 دۆلەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈن. تېمىسى: «دۆلەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەپ، ۋەتەننى سويىدىغان قەلب يېتىشتۈرەيلى».
تارىخىي خاتىرىلەردىكى ئەڭ بۇرۇنقى ساماۋى شاھ جىنمۇ (神武天皇) نىڭ تەختكە ئولتۇرغان كۈنىنى مىلادىيە بويىچە ھېسابلاپ بېكىتكەن كۈن. جىنمۇ خان مىلادىدىن بۇرۇنقى 668- يىلى كيۇشيۇدىن شەرققە يۈرۈش قىلىپ 5 يىلدىن كېيىن ياماتو (大和، ھازىرقى نارا ناھىيىسى) غا بېسىپ كىرگەن، شۇنىڭدىن 3 يىل كېيىن شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان.
4. 21- مارت: 春分の日 ئەتىيازلىق كۈن- تۈن تەڭلىشىش كۈنى. تېمىسى: «تەبىئەتنى مەدھىيىلەپ، جانلىقلارنى قەدىرلەيلى».
5. 29- ئاپرېل: 昭和の日 شوۋانىڭ كۈنى. تېمىسى: «ھاياجانلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، گۈللىنىشكە ئېرىشكەن شوۋا دەۋرىنى ياد ئېتىپ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئويلىنايلى».
تارىختا ئەڭ ئۇزۇن، يەنى 64 يىل تەختتە ئولتۇرغان ساماۋى شاھ شوۋانىڭ تۇغۇلغان كۈنى.2005- يىلى «يېشىللىق كۈنى» دىن ئۆزگەرتىلگەن.
6. 3- ماي: 憲法記念日 ئاساسىي قانۇن خاتىرە كۈنى. تېمىسى: «ياپونىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنى يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى خاتىرىلەپ، دۆلەتنىڭ روناق تېپىشىنى تىلەيلى».
ھازىرقى ئاساسىي قانۇن 1946- يىل 3- نويابىردا ئېلان قىلىنغان. كېيىنكى يىلى مۇشۇ كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.
7. 4- ماي: みどりの日 يېشىللىق كۈنى. تېمىسى: «تەبىئەتكە يېقىن تۇرۇپ ھەم تەشەككۈر ئېيتىپ، روھىمىزنى بېيىتايلى.».
بۇ كۈن 2005- يىلدىن باشلاپ 29- ئاپرېلدىن مۇشۇ كۈنگە ئۆزگەرتىلگەن.
8. 5- ماي: こどもの日 بالىلار بايرىمى. تېمىسى: «بالىلارنىڭ ئابرۇيىغا ھۆرمەت قىلىپ، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئانىلارغا رەھمەت ئېيتايلى».
ئادەتتە ئوغۇللارنىڭ بايرىمى. قىزلارنىڭ بايرىمى بولغان 3- مارت قانۇندا بايرام قىلىپ بەلگىلەنمىگەن.
9. ئىيۇلنىڭ 3- دۈشەنبىسى: 海の日 دېڭىز كۈنى. تېمىسى: «دېڭىزنىڭ ھىممىتىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، دېڭىز- ئوكيان دۆلىتى بولغان ياپونىيىنىڭ گۈللىنىشىنى تىلەيلى».
1995- يىلى 20- ئىيۇل قىلىپ بەلگىلەنگەن. 2003- يىلدىن باشلاپ 3- دۈشەنبىگە ئۆزگەرتىلگەن. بۇ كۈندە ساماۋى شاھ مېيجى شەرقىي شىمالنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئائومورى (青森) دىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، خاكوداتى ئارقىلىق يوكوخاما (横浜) پورتىغا كەلگەن دېيىلىدۇ.
10. سېنتەبىرنىڭ 3- دۈشەنبىسى: 尊老の日 ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش كۈنى. تېمىسى: «كۆپ يىللىق قان- تەرى بەدىلىگە جەمئىيىتىمىزنى قۇرۇپ چىققان پېشقەدەملەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيلى».
1963- يىلى «ياشانغانلار كۈنى» قىلىپ بەلگىلەنگەن 15- سېنتەبىر 1966- يىلىغا كەلگەندە دۆلەتلىك دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بەلگىلەنگەن. 2003- يىلدىن باشلاپ 3- دۈشەنبىگە ئۆزگەرتىلگەن.
11. 23- سېنتەبىر: 秋分の日 كۈزلۈك كۈن- تۈن تەڭلىشىش كۈنى. تېمىسى: «ئەجدادلارنى مەدھىيىلەپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ئەسلەيلى».
جىنمۇ شاھ دەۋرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن ئەرۋاھلارغا ئاتاپ نەزىر- چىراغ قىلىدىغان پائالىيەتتىن كەلگەن.
12. ئۆكتەبىرنىڭ 2- دۈشەنبىسى: 体育の日 تەنتەربىيە كۈنى. تېمىسى: «تەنتەربىيىنى دوست تۇتۇپ، ساغلام تەن ۋە روھ يېتىلدۈرەيلى».
1961- يىلىدىكى قانۇندا 2- شەنبە تەنتەربىيە كۈنى قىلىنغان. 1964- يىلى 10- ئۆكتەبىردە توكيودا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ كۈن 1966- يىلدىن باشلاپ دۆلەتلىك دەم ئېلىش كۈنى قىلىنغان. 2000- يىلدىن باشلاپ 2- دۈشەنبىگە ئۆزگەرتىلگەن.
13. 3- نويابىر: 文化の日 مەدەنىيەت كۈنى. تېمىسى: «ئەركىنلىك ۋە تىنچلىقنى سۆيۈپ، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرايلى».
بۇ كۈن يەنە ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈن بولغاچقا، ئەركىنلىك ۋە تىنچلىقمۇ تېما قىلىنغان.
14. 23- نويابىر: 勤労感謝の日 ئەمگەكچىلەرگە رەھمەت ئېيتىش كۈنى. تېمىسى: «ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەبرىكلەپ، پۇقرالار ئۆز ئارا رەھمەت ئېيتىشايلى».
بۇ كۈن 1873- يىلى بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
15. 23- دېكابىر: 天皇誕生日 ساماۋى شاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. تېمىسى: «ساماۋى شاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيلى».
شوۋانىڭ 64- يىلى (1988- يىل) 7- يانۋاردا، ساماۋى شاھ شوۋا 87 ياشتا ۋاپات بولغان. شۇ چاغدا 55 ياشقا كىرگەن شاھزادە ئاكىخىتو ياپونىيىنىڭ ساماۋى شاھ جىنمۇدىن كېيىنكى 125- ساماۋى شاھى بولۇپ تەختكە ئولتۇرۇپ، يىلنامىنى خېيسېيغا ئۆزگەرتكەن. ساماۋى شاھ ئاكىخىتو 1933- يىلى مۇشۇ كۈندە دۇنياغا كەلگەن.

يۇقارقى بايرام كۈنلىرىنىڭ ھەممىسى كالېنداردا قىزىل رەڭدە ئىپادىلەنگەچكە، ياپونىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ كۈنلەرنى «قىزىل كۈن» دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەن ھەم ئادەتتە بۇ كۈنلەردە شىركەت ۋە مەكتەپلەر دەم ئالىدىغان بولغاچقا، بىرەر ئولتۇرۇش ياكى چاقىرىشلارنى مۇشۇنداق كۈنلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولغان.

مەنبە: ئاي نۇرى رەسەتخانىسى
http://www.gekkou.or.jp

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى.

ئىنكاس يېزىش ئورنى


ئىنكاسنى يۇقارقى رامكىدا يېزىۋېلىپ
تۆۋەندىكى رامكىغا چاپلاپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.