باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2009-01-13

قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنى 成人の日

ياپونىيىدە خاتىرە كۈنلەر تولىمۇ كۆپ. كالېندارغا قارايدىغان بولساق، ھەر ئايدا بىردىن دېگۈدەك بارلىقىنى كۆرىمىز. بۈگۈن شۇ خاتىرە كۈنلەردىن بىرى 成人の日 «قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنى» نى تونۇشتۇرماقچىمىز.

قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنى- ھەر يىلى يانۋارنىڭ 2- دۈشەنبە كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ كۈندە يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلات قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شۇ يىلى 20 ياشقا كىرگەن ياكى كىرىدىغانلار ئۈچۈن 成人式 دەپ ئاتالغان تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئىلگىرى بۇ پائالىيەتنىڭ قاتنىشىش ئوبيېكتى ئالدىنقى يىلدىكى قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ بۇ يىلقى قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىگىچە ئارىلىقتا 20 ياشقا كىرىدىغان ياشلار قىلىپ بەلگىلەنگەن. لېكىن بۇ كۈن ھەر يىلى ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، بەزىلەرنىڭ ئىككىلا قېتىمدا قاتنىشىش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشى ياكى بەزىلەرنىڭ ئىككىلا يىلدا قاتنىشىش ئوبيېكتى بولالماسلىقى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېقىندىن بېرى ئۆزگەرتىلىپ، ئالدىنقى يىلى 2- ئاپرېلدىن بۇ يىل 1- ئاپرېلغىچە ئارىلىقتا 20 ياشقا كىرىدىغانلار دېيىلمەكتە.

قۇرامىغا يەتكەنلەرنى تەبرىكلەپ ئىلھاملاندۇرىدىغان ئىش بۇرۇندىن بار بولسىمۇ، لېكىن بۇ خاتىرە كۈن 1946- يىلى 22- نويابىردا سايتاما ناھىيىسىدە ياشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن باشلاپ رەسمىي شەكىللەنگەن. 1948- يىلى «دەم ئېلىش كۈنى قانۇنى» غا كىرگۈزۈلۈپ، 1949- يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى 15- يانۋار قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1998- يىلى بۇ قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندە، 2000- يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى يانۋارنىڭ 2- دۈشەنبىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

ئادەتتە بۇ كۈندىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى شۇ كۈنى ياكى ئالدىنقى كۈندىكى يەكشەنبىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. قاتناشقۇچىلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلىكىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تېخىمۇ ياخشى جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تېگىشلىك ھەسسىنى قوشۇشقا چاقىرىق قىلىنىدۇ. ئادەتتە ياپونىيىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھاراق ئىچىشى، تاماكا چېكىشى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، ھەتتا سايلام ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىنى ئۆز ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارايدىغانلار كۆپ.


(سۈرەت مەنبەسى: BBC تورى)

بۇ كۈندە ئادەتتە قىزلارنىڭ ھەممىسى 振袖«فۇرىسودې» دەپ ئاتالغان قىممەت باھالىق ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىشىپ پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ. شۇڭا بۇ تۈردىكى كىيىم- كېچەك بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت- ماگىزىنلار ۋە ھۆسن تۈزەش- چاچ ياساش ئورۇنلىرى ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. يېقىندىن بېرى بۇ خاتىرە كۈندە كىيىم ئارىيەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. لېكىن بۇ كۈن ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنلا، بۇ كىيىملەرنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلۈپ سېتىلىدۇ. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ياشلارنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، بۇ تۈردىكى سودىنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەنبە: ياپونچە ۋىكىپېدىئا

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى.

ئىنكاس يېزىش ئورنى


ئىنكاسنى يۇقارقى رامكىدا يېزىۋېلىپ
تۆۋەندىكى رامكىغا چاپلاپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.