باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2009-04-19

تىزىملىتىش كارتىسى ئەمەلدىن قالىدۇ 登録証廃止

چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار گېزىتى (留学生新聞) نىڭ 1- مارتتىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان ياپونىيىدە تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى چوڭ ئۆزگىرىشكە يۈزلەنمەكتە ئىكەن. قانۇن ۋازارىتى (法務省) دا نۆۋەتتە بۇ يىل ئىچىدە پارلامېنتقا سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىش لايىھىسىنىڭ ئاساسلىق ھەم كونكرېت مەزمۇنلىرى ئاخىرقى تۈزىتىش- تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرىپتۇ. «چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى 300 مىڭغا يەتكۈزۈش پىلانى» (留学生受け入れ30万人計画) غا ئالاقىدار مەزمۇنلار ئىچىدە دىققەتنى تارتىدىغىنى «在留カード ياپونىيىدە تۇرۇش كارتىسى» بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇن ۋازارىتىدە بۇندىن كېيىن چەتئەللىكلەرگە قارىتا باشقۇرۇشنى كارتا ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈش پرىنسىپى يېتەكچى ئورۇنغا قويۇلىدىكەن.

بۇ كارتا قوللىنىلسا، ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلگەن «外国人登録証 چەتئەللىكلەر تىزىملىتىش كارتىسى»، يەنى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى شەھەرلىك ياكى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئورگىنىغا تىزىملىتىپ تاپشۇرۇپ ئالىدىغان تىزىملىتىش كارتىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قانۇن ۋەزىرىنىڭ نامىدا تارقىتىلىدىغان ياپونىيىدە تۇرۇش كارتىسىنى ئېلىپ يۈرۈش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش شۇ ئىكەنكى، ياپونىيىنىڭ چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئامېرىكىنىڭكىگە يېقىنلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق، ھازىرغىچە تىزىملىتىش كارتىسىدا تەلەپ قىلىنماي كەلگەن خىزمەت يۆتكىلىش سەۋەبلىك خىزمەت ئورنىنىڭ ئۆزگىرىش ئۇقتۇرۇشى (勤務先変更届け) نىمۇ تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن. شۇ بويىچە بولغاندا، چەتئەللىكلەر ۋىزىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئىچىدە خىزمەت يۆتكەلسىمۇ، بۇ يۆتكىلىشنى چوقۇم چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تىزىملىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدىكەن. بۇنىڭ چەتئەللىك ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توغرا ھەم دەل ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرۇشقا پايدىسى بولىدىكەن.

بۇ يىل 1- ئايدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيىدە قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ سانى 113 مىڭ 72 كىشى بولۇپ، 2004- يىل 1- ئايدىكىگە قارىغاندا 48.5 پىرسەنت ئازايغان. ئەينى ۋاقىتتا «قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلار سانىنى 5 يىلدا يېرىمىغا چۈشۈرۈش» پىلانى يولغا قويۇلغان. گەرچە سانلىق مەلۇماتلار بۇ پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، لېكىن چەتئەللىكلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىقىغا ئوخشاش مۇناسىۋەتلىك سىياسەت- بەلگىلىمىلەر يىلدىن- يىلغا مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ مېڭىلىدىكەن.

مەنبە: چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار گېزىتى 留学生新聞

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى.

ئىنكاس يېزىش ئورنى


ئىنكاسنى يۇقارقى رامكىدا يېزىۋېلىپ
تۆۋەندىكى رامكىغا چاپلاپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.