باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2009-04-17

«ئەتىگەنلىك مەجبۇرىي گىمناستىكا» 通勤電車

ئالدىنقى ھەپتە پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتىۋېتىپ، توساتتىنلا خىيالىمغا ئىشقا چۈشۈش ئالدىدىكى ئەتىگەنلىك ئالدىراش ھەم قىستاڭچىلىق ۋاقىتتا پويىزنىڭ بىر ۋاگونىغا قانچىلىك ئادەم سىغىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ باققۇم كېلىپ قالدى.

پويىز قاتنىشى توغرىلىق سۆزلەپ كەلسەك گەپ تولا. گەپنى سەل بۇرۇندىن باشلىساق، ياپونىيىنىڭ پويىز قاتنىشى مېيجىنىڭ 5- يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ھازىرغىچە 137 يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن پويىز قاتنىشىنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. توكيونى مىسالغا ئالساق، يەر ئاستى پويىز لىنىيىسىدىنلا 10 نەچچىسى بار. ھەر كۈنى بۇ لىنىيىدىن پايدىلىنىدىغان ئادەم سانى 6 مىليوندىن ئاشىدۇ. يەر ئۈستىدىكى پويىز بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ھەر كۈنى سەھەردە پويىزغا ئولتۇرىدىغان ئادەم سانى 10 مىليونغا يېتىپ بارىدۇ.



باشقا گەپنى قويۇپ تۇرۇپ، باشتا دېگەن قىستاڭچىلىقنى كۆرۈپ باقايلى.



ئەمدى مۇنداق بىر ھېسابنى ئىشلەپ باقايلى. ئادەتتىكى پويىز ۋاگونىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر، كەڭلىكى 2.5 مېتىر ئەتراپىدا. ئورۇندۇقى دېرىزىنى بويلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 ئىشىكلىك ۋاگوننى مىسالغا ئالساق، ئادەتتە ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن يولۇچى سانى 140~160 ئەتراپىدا. ئىككى بېشىدا ياشانغانلار ۋە مېيىپلارنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن 3 كىشىلىك ئالاھىدە ئورۇندىن تۆتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قالغانلىرى 7 كىشىلىك تۇتاش ئورۇنلار بولۇپ، 4 ئىشىكلىك ۋاگوندا بۇنداق ئورۇندىن ئالتىسى بار. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئولتۇرىدىغان ئورۇندىن بىر ۋاگوندا ئاران 52 سىلا بار. ئادەتتە 120 دەك ئادەم چىقسا 100 پىرسەنت توشتى دېيىلىدۇ. لېكىن ئەتىگەندە ئىشقا ياكى ئوقۇشقا ماڭغان چاغدا 230 پىرسەنتكىچە توشۇپ كېتىشى ئادەتتىكى ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.



ئەمدى بايىقى ھېسابنىڭ داۋامىنى چىقارساق، ئەتىگەندىكى قىستاڭچىلىقتا بىر ۋاگونغا 250 ئادەم چىقتى دېسەك، ئۇنىڭ 52 سى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بولسا، قالغان 200 دەك ئادەم ئۆرە تۇرىدۇ دېگەن گەپ. ئورۇندۇقنىڭ ئىگىلەيدىغان ئورنى 15 كۋادرات مېتىر دېسەكمۇ، 200 ئادەم ئاران 35 كۋادرات مېتىر يەردە ئۆرە تۇرىدۇ دېگەن گەپ بولىدۇ. يەنى ھەر كۋادرات مېتىردا تەخمىنەن 6 ئادەم، ھەر بىر ئادەمگە تەخمىنەن 40x40 سانتىمېتىرلىق بوشلۇق توغرا كېلىدۇ. ھەر كۈنى سەھەردە مۇشۇنچىلىك بوشلۇقتا قىستىلىپ يۈرۈپ كەم دېگەندە يېرىم سائەت مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ توكيودا ئادەتتىكى ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



گەرچە ئەتىگەنلىك ئالدىراش ۋاقىتتا توكيونىڭ شەھەر مەركىزىگە ماڭغان پويىزلار مۇشۇنداق قىستاڭچىلىق بولسىمۇ، لېكىن توكيونىڭ ئىچىدىن سىرتىغا ماڭىدىغان پويىزلار ئاساسەن قۇرۇق دېگۈدەكلا ماڭىدۇ. ئەتىگەنلىك قىستاڭچىلىقنى ئويلىشىپ، ئىشقا چۈشۈش ۋاقتىنى 09:00 ئەمەس 09:30 ياكى 10:00 قىلىپ بېكىتكەن شىركەتلەرمۇ كۆپ.

ئىشقىلىپ توكيودىكى ئەتىگەنلىك پويىزدا قىستىلىش سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئىشخانىدىكى ئىشلار» فىلىمىدىكى ئاناتولى يېفرېمىچنىڭ گېپى بويىچە «ئەتىگەنلىك مەجبۇرىي گىمناستىكا» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: ساكۇرا بلوگى

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى.

ئىنكاس يېزىش ئورنى


ئىنكاسنى يۇقارقى رامكىدا يېزىۋېلىپ
تۆۋەندىكى رامكىغا چاپلاپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.