باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2009-04-28

راي سىناش نەتىجىسى

بلوگىمىزدا «ياپونىيىنىڭ قايسى ئۇچۇرلىرىغا قىزىقىسىز» تېمىسىدا راي سىناش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدۇق. راي سىناش جەريانىدا تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ- قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەنلىكىمىز ئۈچۈن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

راي سىناش كۆپنى تاللاش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە جەمئىي 26 تورداش 38 قېتىم ئاۋاز بەرگەن بولۇپ، تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە بولدى:
ئوقۇش ئۇچۇرلىرى: 18 تورداش (69 پىرسەنت)
ياشاش شارائىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار: 8 تورداش (30 پىرسەنت)
ياپونىيە مەدەنىيىتى: 4 تورداش (15 پىرسەنت)
مەشھۇر شەخسلەر: 3 تورداش (11 پىرسەنت)
جۇغراپىيىلىك بىلىملەر: 2 تورداش (7 پىرسەنت)
باشقا ئۇچۇرلار: 3 تورداش (11 پىرسەنت)

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان يازمىلار تۆۋەندىكىدەك بولغان:
ئومۇمىي يازما سانى: 25
ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازما: 11 (44 پىرسەنت)
ياشاشقا مۇناسىۋەتلىك يازما: 7 (28 پىرسەنت)
جۇغراپىيىگە ئائىت يازما: 5 (20 پىرسەنت)
مەدەنىيەتكە ئائىت يازما: 3 (12 پىرسەنت)
مەشھۇر شەخسلەر توغرىسىدىكى يازما: 1 (4 پىرسەنت)
باشقىلار: 5 (20 پىرسەنت)

راي سىناش نەتىجىسى كۆرسەتتىكى، ئوقۇش ئۇچۇرلىرىغا قىزىقىدىغان تورداشلار ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. شۇغىنىسى، ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىگەن. شۇڭا بۇندىن كېيىنكى يازمىلىرىمىزدا ئوقۇش ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلىپ، تورداشلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا تېخىمۇ مول ھەم پايدىلىنىش قىممىتى بار مەزمۇنلۇق يازمىلارنى سۇنۇش ئۈچۈن تىرىشماقچىمىز.

جەمئىي 3 ئىنكاس بار.

boghlan نىڭ 2009年4月30日 02:55:00 دا يازغىنى:

ھېلىھەممۇ ناھايتى ئوبدان يازمىلارنى يېزىۋاتىسىز، تورغا چىقساملا سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ۋە شۇ قاتاردا بىر قانچە بلوگنى زىيارەت قىلىمەن. توربەتلەرگە قارىغاندا مېنىڭ ئاساسلىق زىيارەت قىلىدىغىنىم بلوگلار، خېلى جانغا ئەسقاتقۇدەك، ئىجادىي مەزمۇنلار بار.

ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭ بولۇشىنى تىلەيمەن.


ساكۇرا نىڭ 2009年4月30日 15:23:00 دا يازغىنى:

سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى يازمىلاردىنمۇ كۆپ نەپ ئېلىپ تۇرۇۋاتىمەن. دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرچە بلوگ ۋە مۇنبەرلىرىم ساناقلىقلا. ۋاقتىممۇ ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس، لېكىن ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ.
يېقىندىن بېرى سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ بلوگىمدا يېڭى يازمىلارنى يوللاپ بولالمايۋاتىمەن. ئاللاھ خالىسا ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە يېزىپ تۇرىمەن. بۇندىن كېيىنمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرارسىز.


boghlan نىڭ 2009年5月2日 21:52:00 دا يازغىنى:

ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ، ئەلۋەتتە بلوگىڭىز مېنىڭ ئەڭ دائىملىق زىيارەت مەنزىلىم، گەرچە ياپۇنىيگە ياكى باشقا دۆلەتكە چىقىپ ئوقۇش ياكى ساياھەت قىلىشتەك ئىشلار تېخى نىسىپ بولمىغان بولىسمۇ، بلوگىڭىزدىن نەپ ئالغاچ، شۇ مەقسەتتە تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن.

بلوگىمدىكى يازمىلارنى ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت. ئەمما بلوگىمدىكى مەزمۇنلار سەل تاققا-تۇققىراق، كۆڭلۈمدىكىدەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بولالمىدىم. ئاللاھ نىسىپ قىلسا «مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق» ھەققىدە بىرەر كىتاب تەرجىمە قىلماقچى ئىدىم. بۇ ئىشنىمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن.

ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ. بلوگىمدىكى ئېلانلارنى چەكسىڭىز مەسىلە چىقمايدۇ، گەرچە ئېلان بولغىنى بىلەن تۈزۈك كىرىم يوق، بار بىلەن يوقنىڭ ئورنىدا، قىلغان كىرىم تېخى 30$ غا يەتمىدى.


ئىنكاس يېزىش ئورنى


ئىنكاسنى يۇقارقى رامكىدا يېزىۋېلىپ
تۆۋەندىكى رامكىغا چاپلاپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.