باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2009-04-14

نورۇز گۈلى پەسلى 桜の季節

«بلوگ ھەققىدە» نامىدىكى يازمىمىزدا يازغىنىمىزدەك، ساكۇرا، يەنى نورۇز گۈلى ھەر يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغا قاراپ ئېچىلىپ ماڭىدۇ. بۇ چاغدىكى كۈندىلىك ھاۋارايىدىن مەلۇماتتا ئۇنىڭ قايسى جايلاردا ئېچىلىشقا باشلىغانلىقى، قايسى جايلاردا ۋايىغا يەتكەنلىكى قاتارلىقلار ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.نورۇز گۈلى ئېچىلىپ بىرەر ھەپتىلەردە توزۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، ياپونلۇقلاردا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ گۈل سەيلىسى (花見) قىلىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن ھەم ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن.(رەسىملەرنى چېكىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ)

ئۆتكەن يىلى نورۇز گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلغان پەيتتە ھاۋا ئۆزگىرىپ، ئۇدا بىر نەچچە كۈن يامغۇر يېغىپ كەتكەن ئىدى.
چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

نورۇز گۈلى قارىماققا ئۆرۈك چېچىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

بۇ يىل سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە نورۇز گۈلىنىڭ ئېچىلىشى ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا بىر ھەپتىدەك كېچىكىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ياخشى يېرى شۇ بولدىكى، نورۇز گۈلى ئېچىلغاندىن كېيىنكى 10 كۈندەك ۋاقىت ئىچىدە ھەر كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ تۇردى. گۈل سەيلىسى (花見) قىلىدىغانلارمۇ ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا خېلىلا كۆپ بولدى.

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

مەنبە: ساكۇرا بلوگى

جەمئىي 3 ئىنكاس بار.

匿名 نىڭ 2009年4月20日 11:26:00 دا يازغىنى:

ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن.


匿名 نىڭ 2009年4月20日 11:39:00 دا يازغىنى:

كەچۈرۈڭ. توغرا مەشۇلات قلماي خاتا ئاۋاتپ قويۇدۇم. خاتاسىنى ئوچۈرۋىتەرسىز.


ساكۇرا نىڭ 2009年4月20日 11:43:00 دا يازغىنى:

كېرەك يوق. پات- پات قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرارسىز.


ئىنكاس يېزىش ئورنى


ئىنكاسنى يۇقارقى رامكىدا يېزىۋېلىپ
تۆۋەندىكى رامكىغا چاپلاپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.