باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2009-04-09

بلوگىمىزغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى

بۈگۈن بلوگىمىزغا يۇلغۇن تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەت ئابدۇللا ئەپەندى تەمىنلىگەن تور بەتتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلۇپ، ئىنكاسلارنى ئۇيغۇرچە بىۋاسىتە يېزىپ كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ بىلمەكچى بولغان مەسىلىلىرى ۋە يەتكۈزمەكچى بولغان پىكىرلىرىنى بىۋاسىتە يوللىشىغا قۇلايلىق يارىتىلدى.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بلوگ سپوتتا تېما ئاستىغا بلوگ ئۆزىنىڭ ئىنكاس كۆزنىكىنى قوشقىلى بولسىمۇ، لېكىن بۇ كۆزنەككە قارىتا تىزگىنلەش ئېلىپ بېرىشقا باشتىن- ئاخىر مۇمكىن بولمىغاچقا، ئىنكاسلارنى ئۇيغۇرچە يېزىپ كىرگۈزۈش ئىشى بىر مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. ئىنكاس كۆزنىكىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئۇيغۇرچە كۆزنەكتىن بىرنى قوشۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدۇق.

گەرچە ئىنكاسنى ئاۋۋال ئۇيغۇرچە كۆزنەكتە يېزىۋېلىپ، ئاندىن بلوگ ئۆزىنىڭ ئىنكاس كۆزنىكىگە چاپلاپ يوللاشتەك ئاۋارىچىلىك بار بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىنكاسنى باشقا يەردە يېزىپ تەييارلاپ كۆچۈرۈپ ئەكەلگەندىن كۆپ قۇلايلىق دەپ ئويلايمىز. ئەگەر بىرەر كىمنىڭ بۇنىڭدىن ياخشىراق ئامالى بولسا، ئىككىلەنمەي كۆپچىلىككە ئۆگىتىپ قويۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆتۈنۈپ سورايمىز.

جەمئىي 5 ئىنكاس بار.

Utuq.Ablikim نىڭ 2009年4月13日 17:34:00 دا يازغىنى:

شۇنداقمۇ


دولقۇن 731 نىڭ 2009年4月15日 21:34:00 دا يازغىنى:

بىلوگىڭىز ئۇلىنىشلار بىلوگىدا ئۇلىنىش قىلىندى ! بىلوگىمنى ئۇلىنىش قىلىپ قۇيىشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن !


ساكۇرا نىڭ 2009年4月16日 20:16:00 دا يازغىنى:

ئۇلىنىش قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
مەنمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم.
پات- پات قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرغايسىز.


boghlan نىڭ 2009年4月30日 02:57:00 دا يازغىنى:

بلوگىڭىزغا خېلى ئوبدان ئىشلەپسىز، بەك يېقىشلىق، يازمىلىرىمۇ ھەم.

مېنىڭمۇ blogspot قا يازما يوللىغۇم كېلىۋاتىدۇ، سىز بەك ياخشى ئۆزلەشتۈرىۋاپسىز بۇ بلوگنى. بۇنىڭدىن كېيىن blogbus ۋە blogspot قا تەڭ يېزىپ ماڭدىغان ئىشمىكىن يا (يازمىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن)


ساكۇرا نىڭ 2009年4月30日 15:34:00 دا يازغىنى:

راستىمنى دىسەم، بۇ ئۇسلۇبنى مۇشۇنچىلىك قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتىم كەتتى. لېكىن شۇ جەرياندا نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگىنىۋالدىم. بىرەرسىنى ئۆزگەرتىۋالغاندىن كېيىن قالغانلىرى ئانچە تەسكە توختىمايدىكەن. شۇنداقتىمۇ ئالدىراش بولغاچقا يېڭى ئۇسلۇب توغرىلىق ئويلاشمىدىم. ئەگەر سىزگە بلوگسپوتتا مۇشۇنداقراق ئۇسلۇب لازىم بولسا مەن تەمىنلەي. ئۆزىڭىز ئۆزگەرتكۈدەك يەرلەرنى ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ.


ئىنكاس يېزىش ئورنى


ئىنكاسنى يۇقارقى رامكىدا يېزىۋېلىپ
تۆۋەندىكى رامكىغا چاپلاپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.