باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2008-03-11

ئوقۇشقا كىرىشتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك زۆرۈر شەرتلەر

1. ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى

1) 12 يىللىق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار ياكى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگىنىگە 5 يىل بولمىغانلاردىن ياپون تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ 4- دەرىجىسىدىن ئۆتكەنلەر (ياكى كەم دېگەندە 3 ئاي ئەتراپىدا ياپون تىلى ئۆگەنگەنلەر) ياپونىيىدىكى تولۇق كۇرس، قىسقا مۇددەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار، ياپون تىلى مەكتەپلىرى ۋە كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.


ياپون تىلى مەكتەپلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ئوقۇش مۇددىتى ئادەتتە بىر يىل بولىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم ياپون تىلى مەكتەپلىرى ئوقۇشقا كىرىش رەسمىيەت ھەققى ۋە ئوقۇش پۇلىنى دەسلەپ ئوقۇشقا كىرگەندە بىرلا قېتىمدا تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ئۈچ ئاي ياكى ئالتە ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا بىرەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرەلىسە، دەسلەپتە تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلىنىڭ ئاشقان قىسمى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

2) 16 يىللىق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ھەم باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەردىن ياپون تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ 2- دەرىجىسىدىن ئۆتكەنلەر ياپونىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىدا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىدا ئوقۇش ئۈچۈن چوقۇم يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تېپىش كېرەك. ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىمۇ رەسمىيەتلەر ئەڭ ئاۋۋال ئوقۇماقچى بولغان كەسىپ تۈرىدىكى ئاسپىرانتلارغا يېتەكچىلىك قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنى ئىزدەشتىن باشلىنىدۇ. يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تېپىلسىلا، كېيىنكى رەسمىيەتلەرنى بىر قەدەر ئاسان ھەم تېز بېجىرىشكە بولىدۇ.

ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىدا ئوقۇش ئۈچۈن ياپون تىلىدىن باشقا يەنە ئىنگلىز تىلىدىمۇ بەلگىلىك ئاساس بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئادەتتە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىشتە ئىنگلىز تىلىدىنمۇ ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.

ئادەتتە ئالدى بىلەن ئاسپىرانت( تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى) بولۇپ 6 ئايدىن 1 يىلغىچە تۇرغاندىن كېيىن ئوقۇشقا كىرىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولغانلار ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق پروگراممىسى بويىچە رەسمىي ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر ئاسپىرانتلىق ۋاقتىنى يەنە 1 يىلغىچە ئۇزارتالايدۇ.

2. ئىقتىسادىي شەرتلەر

رەسمىيەت بېجىرىش ھالقىسىدا، ياپونىيىنىڭ چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ياپونىيىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قارىتا باھالاش ئېلىپ بارغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تۆۋەندىكى بىر نەچچە مۇھىم ئىسپات بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ:

1) ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ يېقىنقى 3 يىللىق كىرىم- چىقىم ئىسپاتى. بۇنىڭغا ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ نامىدىكى بانكا ئامانەت دەپتىرىنىڭ كۆپەيتىلمىسى بولسا ئەڭ ياخشى. بۇ تەلەپ 2004- يىلى 4- ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان يېڭى سىياسەت بويىچە قوشۇلغان بولۇپ، باشقا ھەرقانداق تەلەپتىن قىيىنغا توختايدۇ. مۇمكىن بولسا، ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقانلار مۇشۇ ئىسپاتنىڭ تەييارلىقىنى بالدۇرراق قىلىپ قويغىنى ياخشى.

2) ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ بانكىغا قويغان ئامانەت پۇلى ئىسپاتى. بۇ، ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ياپونىيىدە ئوقۇش جەريانىدىكى پۈتۈن چىقىملىرىنى ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ، ئادەتتە 3- 2 يۈز تۈمەن ياپونىيە يېنى (خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 200- 150 مىڭ يۈەن. ياپونىيىدە ئادەتتە ئون مىڭ ياپونىيە يېنى بىر تۈمەن يېن دېيىلىدۇ، خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 630~610 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، بازار ئەھۋالىغا قاراپ قىممىتى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.) پۇلنى جۇڭگو بانكىسى قاتارلىق بانكىلارنىڭ بىرىگە ئامېرىكا دوللىرى، ياپونىيە يېنى ياكى خەلق پۇلى شەكلىدە ئامانەت قويۇپ، پۇل چېكىنى جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ.

3) ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ خىزمەت ئىسپاتى. بۇ، ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتىدۇ.

4) ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ يىللىق كىرىم ئىسپاتى. ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ بىر يىلدا قانچىلىك كىرىم قىلالايدىغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسىنى جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا ماتېرىياللار ھەققىدە بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمىدۇق.

3. باشقىلار

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ياپونىيىدە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار يەنە تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

1) ھەر قانداق جاپا- مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، ھەر قانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان قەيسەر روھقا ئىگە بولۇشى كېرەك. ياپونىيىدە ئوقۇش جەريانىدا خىلمۇ- خىل جاپالار، ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدىغان گەپ. بۇلارنى يېڭەلىگۈدەك ئىرادە ۋە غەيرەت بولمايدىكەن، ئوقۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش مۇمكىن ئەمەس.

2) ياخشى ئەخلاقىي- پەزىلەت يېتىلدۈرگەن بولۇشى كېرەك. ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچى مەيلى كىم ياكى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ياپونىيىدە ئوقۇش جەريانىدا ياپونىيىنىڭ قانۇن ۋە ئەمىر- پەرمانلىرىغا ئاڭلىق بويسۇنۇشى، ئۆز قەدىر- قىممىتىنى ساقلىشى، ئۆز مىللىتى بىلەن ياپونىيە خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە دوستلۇق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەك.

3) مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك. ياپونىيىدە ھەممەيلەن ئۆز ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىدۇ. تۇرمۇش رىتىمى تولىمۇ تېز بولغاچقا ھەممەيلەن ئالدىراشلىق ئىچىدە ياشايدۇ. باشقىلارنىڭ پۈتۈن ئىشىغا ياردەم قىلىپ، ئۇجۇر- بۇجۇرىغىچە يول كۆرسىتىپ ئۆگىتىپ ئولتۇرۇشقا ئاساسەن ۋاقتى چىقمايدۇ. شۇڭا ئوقۇشقا كەلگۈچىلەرنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇستەقىل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولغانلار تېخىمۇ شۇنداق.

4) ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر، كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ يېقىن ئۆتەلەيدىغان، مەسىلىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ توغرا يەكۈن چىقىرالايدىغان، ۋاقىتنى، تەسلىكتە قولغا كەلگەن ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇيدىغان، ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ئىگە، ئۆز مىللىتى ۋە خەلقى ئۈچۈن تۆھپە يارىتىش نىيىتىدە بولغان بولۇشى كېرەك.

مەنبە: ساكۇرا ئۇيغۇر بلوگى

جەمئىي 2 ئىنكاس بار.

SAHRA نىڭ 2008年11月28日 00:00:00 دا يازغىنى:

مەن ياپونىيەنىڭ كارتونلىرىغا بەك ئامىراق، خۇدا خالىسا ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى كارتونلاشتۇرماقچىمەن........ كىيىن ياپونيىدە جانلاندۇرۇم تىخىنىكىسى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن، بۇنىڭغا قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشىم كىرەك؟


ساكۇرا نىڭ 2008年12月1日 20:52:00 دا يازغىنى:

ئۇنداقتا ئەڭ ياخشىسى كەسپىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كېلىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن بولۇش ۋە ياپون تىلىدىن بەلگىلىك ئاساسقا ئېگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇمكىن بولسا ياپون تىلى ئۆگىنىشنى بالدۇرراق باشلاپ، ياپون تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ كامىدا 2- دەرىجىسىدىن ئۆتۈشكە تىرىشىڭ.
تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى پات- ئارىدا تەييرلاپ ئېلان قىلىشىمىز مۇمكىن.


ئىنكاس يېزىش ئورنى


ئىنكاسنى يۇقارقى رامكىدا يېزىۋېلىپ
تۆۋەندىكى رامكىغا چاپلاپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.