باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2009-05-17

ئۇنىۋېرسىتېت تاللاشتىكى 10 نۇقتا 大学の選択

1. قايسى ئۇنىۋېرسىتېتتا قايسى كەسىپنى ئۆگەنمەكچى 大学(学部)と専攻
ئۇنىۋېرسىتېت تاللاش- ئوقۇشقا كېلىشتىكى مۇھىم بىر باسقۇچ بولۇپ، ياپونىيىگە كېلىپ ئوقۇشتىكى مەقسەت، ئوقۇماقچى بولغان كەسىپ دېگەنلەرنى باشتىلا ئېنىق بېكىتىۋالمىغاندا كېيىن پۇشايمان قىلىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئۆز نىشانىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان كەسىپنى ئۆگەنگىلى بولىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماس كەسىپلىرىنى تاللاڭ. مەسىلەن، ئوخشاشلا ئىقتىساد كەسپى دېگەندىمۇ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئۇنىۋېرسىتېتنى ئۇنىڭ داڭقى ۋە نامىغا قاراپ تاللىماستىن، كونكرېت ئوقۇتۇش مەزمۇنى قاتارلىق تۈرلەرنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

2. ئوقۇش پۇلى قانچىلىك 授業料、学費
بۇ كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بولىدىغان مەسىلە. چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىڭىزغا ئاساسەن قانداقراق ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىشنى بېكىتىڭ. مەسىلەن، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى بەزىبىر تەبىئىي پەن- سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى (理工科私立大学) نىڭ تۇنجى يىلىدا تاپشۇرىدىغان ئوقۇش پۇلى 200 تۈمەن يېندىن ئارتۇق، بەزىبىر ئىجتىمائىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتلىرى (私立文科大学) نىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىدىغان تۈزۈملىرى بار بولۇپ، يىلىغا تاپشۇرىدىغان پۇل 50 تۈمەن يېنغا يەتمەيدۇ. ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش (授業料減免) ئۆلچەملىرى ۋە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر نىسبىتى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئوقۇشقا كېلىشتىن بۇرۇن مۇشۇ تۈردىكى ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بىلىۋالغان ياخشى.

3. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئورنى قەيەردە، قاتناش قۇلايلىقمۇ 大学の所在地、交通
ئۇنىۋېرسىتېت توكيو (東京) ياكى پايتەخت چەمبىرىكى (首都圏) دىمۇ، ياكى كيوتو (京都)، ئوساكا (大阪)، ناگويا (名古屋)، فۇكۇئوكا (福岡) قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ، بۇلارنى چوقۇم ئېنىق بىلىۋېلىڭ. پايتەخت چەمبىرىكى ياپونىيىنىڭ مەركىزى بولۇپ، توكيودىن باشقا چىبا (千葉県)، سايتاما (埼玉県)، كاناگاۋا (神奈川県) قاتارلىق ناھىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دائىرىسى كەڭ، نوپۇس كۆپ بولۇپ، ئوقۇش ۋە ياشاش مۇھىتىمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ. باشقا شەھەرلەردە پايتەخت چەمبىرىكىگە قارىغاندا تىنچ ھەم ئازادە مۇھىت بار بولغاچقا قېتىرقىنىپ ئۆگەنگىلى بولىدۇ. لېكىن مەيلى قەيەردىكى مەكتەپ بولمىسۇن، قاتناشنىڭ قۇلايلىق ياكى ئەمەسلىكى ناھايىتى مۇھىم. ئۇنى ئويلاشقاندا ئادەتتە ئەڭ يېقىن ۋوگزال (電車駅) ياكى بېكەت (バス停) قەيەردە، ئۆيدىن مەكتەپكىچە قانچىلىك ۋاقىت (通学時間) ۋە قانچىلىك كىرا (交通費) كېتىدۇ دېگەنلەرنى ئويلاشماي بولمايدۇ.

(داۋامى بار)
مەنبە: www.injp.com

2009-04-28

راي سىناش نەتىجىسى

بلوگىمىزدا «ياپونىيىنىڭ قايسى ئۇچۇرلىرىغا قىزىقىسىز» تېمىسىدا راي سىناش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدۇق. راي سىناش جەريانىدا تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ- قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەنلىكىمىز ئۈچۈن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

راي سىناش كۆپنى تاللاش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە جەمئىي 26 تورداش 38 قېتىم ئاۋاز بەرگەن بولۇپ، تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە بولدى:
ئوقۇش ئۇچۇرلىرى: 18 تورداش (69 پىرسەنت)
ياشاش شارائىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار: 8 تورداش (30 پىرسەنت)
ياپونىيە مەدەنىيىتى: 4 تورداش (15 پىرسەنت)
مەشھۇر شەخسلەر: 3 تورداش (11 پىرسەنت)
جۇغراپىيىلىك بىلىملەر: 2 تورداش (7 پىرسەنت)
باشقا ئۇچۇرلار: 3 تورداش (11 پىرسەنت)

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان يازمىلار تۆۋەندىكىدەك بولغان:
ئومۇمىي يازما سانى: 25
ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازما: 11 (44 پىرسەنت)
ياشاشقا مۇناسىۋەتلىك يازما: 7 (28 پىرسەنت)
جۇغراپىيىگە ئائىت يازما: 5 (20 پىرسەنت)
مەدەنىيەتكە ئائىت يازما: 3 (12 پىرسەنت)
مەشھۇر شەخسلەر توغرىسىدىكى يازما: 1 (4 پىرسەنت)
باشقىلار: 5 (20 پىرسەنت)

راي سىناش نەتىجىسى كۆرسەتتىكى، ئوقۇش ئۇچۇرلىرىغا قىزىقىدىغان تورداشلار ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. شۇغىنىسى، ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىگەن. شۇڭا بۇندىن كېيىنكى يازمىلىرىمىزدا ئوقۇش ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلىپ، تورداشلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا تېخىمۇ مول ھەم پايدىلىنىش قىممىتى بار مەزمۇنلۇق يازمىلارنى سۇنۇش ئۈچۈن تىرىشماقچىمىز.

2009-04-19

تىزىملىتىش كارتىسى ئەمەلدىن قالىدۇ 登録証廃止

چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار گېزىتى (留学生新聞) نىڭ 1- مارتتىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان ياپونىيىدە تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى چوڭ ئۆزگىرىشكە يۈزلەنمەكتە ئىكەن. قانۇن ۋازارىتى (法務省) دا نۆۋەتتە بۇ يىل ئىچىدە پارلامېنتقا سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىش لايىھىسىنىڭ ئاساسلىق ھەم كونكرېت مەزمۇنلىرى ئاخىرقى تۈزىتىش- تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرىپتۇ. «چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى 300 مىڭغا يەتكۈزۈش پىلانى» (留学生受け入れ30万人計画) غا ئالاقىدار مەزمۇنلار ئىچىدە دىققەتنى تارتىدىغىنى «在留カード ياپونىيىدە تۇرۇش كارتىسى» بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇن ۋازارىتىدە بۇندىن كېيىن چەتئەللىكلەرگە قارىتا باشقۇرۇشنى كارتا ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈش پرىنسىپى يېتەكچى ئورۇنغا قويۇلىدىكەن.

بۇ كارتا قوللىنىلسا، ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلگەن «外国人登録証 چەتئەللىكلەر تىزىملىتىش كارتىسى»، يەنى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى شەھەرلىك ياكى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئورگىنىغا تىزىملىتىپ تاپشۇرۇپ ئالىدىغان تىزىملىتىش كارتىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قانۇن ۋەزىرىنىڭ نامىدا تارقىتىلىدىغان ياپونىيىدە تۇرۇش كارتىسىنى ئېلىپ يۈرۈش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش شۇ ئىكەنكى، ياپونىيىنىڭ چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئامېرىكىنىڭكىگە يېقىنلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق، ھازىرغىچە تىزىملىتىش كارتىسىدا تەلەپ قىلىنماي كەلگەن خىزمەت يۆتكىلىش سەۋەبلىك خىزمەت ئورنىنىڭ ئۆزگىرىش ئۇقتۇرۇشى (勤務先変更届け) نىمۇ تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن. شۇ بويىچە بولغاندا، چەتئەللىكلەر ۋىزىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئىچىدە خىزمەت يۆتكەلسىمۇ، بۇ يۆتكىلىشنى چوقۇم چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تىزىملىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدىكەن. بۇنىڭ چەتئەللىك ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توغرا ھەم دەل ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرۇشقا پايدىسى بولىدىكەن.

بۇ يىل 1- ئايدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيىدە قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ سانى 113 مىڭ 72 كىشى بولۇپ، 2004- يىل 1- ئايدىكىگە قارىغاندا 48.5 پىرسەنت ئازايغان. ئەينى ۋاقىتتا «قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلار سانىنى 5 يىلدا يېرىمىغا چۈشۈرۈش» پىلانى يولغا قويۇلغان. گەرچە سانلىق مەلۇماتلار بۇ پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، لېكىن چەتئەللىكلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىقىغا ئوخشاش مۇناسىۋەتلىك سىياسەت- بەلگىلىمىلەر يىلدىن- يىلغا مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ مېڭىلىدىكەن.

مەنبە: چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار گېزىتى 留学生新聞

2009-04-17

«ئەتىگەنلىك مەجبۇرىي گىمناستىكا» 通勤電車

ئالدىنقى ھەپتە پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتىۋېتىپ، توساتتىنلا خىيالىمغا ئىشقا چۈشۈش ئالدىدىكى ئەتىگەنلىك ئالدىراش ھەم قىستاڭچىلىق ۋاقىتتا پويىزنىڭ بىر ۋاگونىغا قانچىلىك ئادەم سىغىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ باققۇم كېلىپ قالدى.

پويىز قاتنىشى توغرىلىق سۆزلەپ كەلسەك گەپ تولا. گەپنى سەل بۇرۇندىن باشلىساق، ياپونىيىنىڭ پويىز قاتنىشى مېيجىنىڭ 5- يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ھازىرغىچە 137 يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن پويىز قاتنىشىنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. توكيونى مىسالغا ئالساق، يەر ئاستى پويىز لىنىيىسىدىنلا 10 نەچچىسى بار. ھەر كۈنى بۇ لىنىيىدىن پايدىلىنىدىغان ئادەم سانى 6 مىليوندىن ئاشىدۇ. يەر ئۈستىدىكى پويىز بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ھەر كۈنى سەھەردە پويىزغا ئولتۇرىدىغان ئادەم سانى 10 مىليونغا يېتىپ بارىدۇ.



باشقا گەپنى قويۇپ تۇرۇپ، باشتا دېگەن قىستاڭچىلىقنى كۆرۈپ باقايلى.



ئەمدى مۇنداق بىر ھېسابنى ئىشلەپ باقايلى. ئادەتتىكى پويىز ۋاگونىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر، كەڭلىكى 2.5 مېتىر ئەتراپىدا. ئورۇندۇقى دېرىزىنى بويلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 ئىشىكلىك ۋاگوننى مىسالغا ئالساق، ئادەتتە ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن يولۇچى سانى 140~160 ئەتراپىدا. ئىككى بېشىدا ياشانغانلار ۋە مېيىپلارنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن 3 كىشىلىك ئالاھىدە ئورۇندىن تۆتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قالغانلىرى 7 كىشىلىك تۇتاش ئورۇنلار بولۇپ، 4 ئىشىكلىك ۋاگوندا بۇنداق ئورۇندىن ئالتىسى بار. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئولتۇرىدىغان ئورۇندىن بىر ۋاگوندا ئاران 52 سىلا بار. ئادەتتە 120 دەك ئادەم چىقسا 100 پىرسەنت توشتى دېيىلىدۇ. لېكىن ئەتىگەندە ئىشقا ياكى ئوقۇشقا ماڭغان چاغدا 230 پىرسەنتكىچە توشۇپ كېتىشى ئادەتتىكى ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.



ئەمدى بايىقى ھېسابنىڭ داۋامىنى چىقارساق، ئەتىگەندىكى قىستاڭچىلىقتا بىر ۋاگونغا 250 ئادەم چىقتى دېسەك، ئۇنىڭ 52 سى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بولسا، قالغان 200 دەك ئادەم ئۆرە تۇرىدۇ دېگەن گەپ. ئورۇندۇقنىڭ ئىگىلەيدىغان ئورنى 15 كۋادرات مېتىر دېسەكمۇ، 200 ئادەم ئاران 35 كۋادرات مېتىر يەردە ئۆرە تۇرىدۇ دېگەن گەپ بولىدۇ. يەنى ھەر كۋادرات مېتىردا تەخمىنەن 6 ئادەم، ھەر بىر ئادەمگە تەخمىنەن 40x40 سانتىمېتىرلىق بوشلۇق توغرا كېلىدۇ. ھەر كۈنى سەھەردە مۇشۇنچىلىك بوشلۇقتا قىستىلىپ يۈرۈپ كەم دېگەندە يېرىم سائەت مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ توكيودا ئادەتتىكى ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



گەرچە ئەتىگەنلىك ئالدىراش ۋاقىتتا توكيونىڭ شەھەر مەركىزىگە ماڭغان پويىزلار مۇشۇنداق قىستاڭچىلىق بولسىمۇ، لېكىن توكيونىڭ ئىچىدىن سىرتىغا ماڭىدىغان پويىزلار ئاساسەن قۇرۇق دېگۈدەكلا ماڭىدۇ. ئەتىگەنلىك قىستاڭچىلىقنى ئويلىشىپ، ئىشقا چۈشۈش ۋاقتىنى 09:00 ئەمەس 09:30 ياكى 10:00 قىلىپ بېكىتكەن شىركەتلەرمۇ كۆپ.

ئىشقىلىپ توكيودىكى ئەتىگەنلىك پويىزدا قىستىلىش سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئىشخانىدىكى ئىشلار» فىلىمىدىكى ئاناتولى يېفرېمىچنىڭ گېپى بويىچە «ئەتىگەنلىك مەجبۇرىي گىمناستىكا» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: ساكۇرا بلوگى

2009-04-14

نورۇز گۈلى پەسلى 桜の季節

«بلوگ ھەققىدە» نامىدىكى يازمىمىزدا يازغىنىمىزدەك، ساكۇرا، يەنى نورۇز گۈلى ھەر يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغا قاراپ ئېچىلىپ ماڭىدۇ. بۇ چاغدىكى كۈندىلىك ھاۋارايىدىن مەلۇماتتا ئۇنىڭ قايسى جايلاردا ئېچىلىشقا باشلىغانلىقى، قايسى جايلاردا ۋايىغا يەتكەنلىكى قاتارلىقلار ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.نورۇز گۈلى ئېچىلىپ بىرەر ھەپتىلەردە توزۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، ياپونلۇقلاردا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ گۈل سەيلىسى (花見) قىلىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن ھەم ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن.(رەسىملەرنى چېكىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ)

ئۆتكەن يىلى نورۇز گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلغان پەيتتە ھاۋا ئۆزگىرىپ، ئۇدا بىر نەچچە كۈن يامغۇر يېغىپ كەتكەن ئىدى.
چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

نورۇز گۈلى قارىماققا ئۆرۈك چېچىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

بۇ يىل سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە نورۇز گۈلىنىڭ ئېچىلىشى ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا بىر ھەپتىدەك كېچىكىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ياخشى يېرى شۇ بولدىكى، نورۇز گۈلى ئېچىلغاندىن كېيىنكى 10 كۈندەك ۋاقىت ئىچىدە ھەر كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ تۇردى. گۈل سەيلىسى (花見) قىلىدىغانلارمۇ ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا خېلىلا كۆپ بولدى.

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

مەنبە: ساكۇرا بلوگى

2009-04-09

بلوگىمىزغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى

بۈگۈن بلوگىمىزغا يۇلغۇن تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەت ئابدۇللا ئەپەندى تەمىنلىگەن تور بەتتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلۇپ، ئىنكاسلارنى ئۇيغۇرچە بىۋاسىتە يېزىپ كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ بىلمەكچى بولغان مەسىلىلىرى ۋە يەتكۈزمەكچى بولغان پىكىرلىرىنى بىۋاسىتە يوللىشىغا قۇلايلىق يارىتىلدى.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بلوگ سپوتتا تېما ئاستىغا بلوگ ئۆزىنىڭ ئىنكاس كۆزنىكىنى قوشقىلى بولسىمۇ، لېكىن بۇ كۆزنەككە قارىتا تىزگىنلەش ئېلىپ بېرىشقا باشتىن- ئاخىر مۇمكىن بولمىغاچقا، ئىنكاسلارنى ئۇيغۇرچە يېزىپ كىرگۈزۈش ئىشى بىر مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. ئىنكاس كۆزنىكىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئۇيغۇرچە كۆزنەكتىن بىرنى قوشۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدۇق.

گەرچە ئىنكاسنى ئاۋۋال ئۇيغۇرچە كۆزنەكتە يېزىۋېلىپ، ئاندىن بلوگ ئۆزىنىڭ ئىنكاس كۆزنىكىگە چاپلاپ يوللاشتەك ئاۋارىچىلىك بار بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىنكاسنى باشقا يەردە يېزىپ تەييارلاپ كۆچۈرۈپ ئەكەلگەندىن كۆپ قۇلايلىق دەپ ئويلايمىز. ئەگەر بىرەر كىمنىڭ بۇنىڭدىن ياخشىراق ئامالى بولسا، ئىككىلەنمەي كۆپچىلىككە ئۆگىتىپ قويۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆتۈنۈپ سورايمىز.

2009-03-31

ئوقۇشقا كېلىشنىڭ تۆت شەكلى (2) 留学のかたち

ئالدىنقى يازمىمىزدا ياپونىيىگە ئوقۇشقا كېلىشتىكى تۆت خىل شەكىلدىن ئىككىسىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. بۇ يازمىمىزدا قالغان ئىككى خىل شەكلى ھەققىدە ساۋات بەرمەكچىمىز.

3. 外国政府派遣留学生 چەتئەل ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ خىراجەت چىقىرىشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ياپونىيىگە ئەۋەتىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار ھەققىدە ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. بۇ تۈردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجىتى ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەمىنلەنمەيدىغان بولغاچقا «私費留学生 ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار» دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ئاكتىپ ھالدا ئىلگىرى سۈرىدىغان مەيداندا تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن زۆرۈر بولغان ھەمكارلىقلارنى ئېلىپ بارماقتا.
نۆۋەتتە ياپونىيە ھۆكۈمىتى مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىنى قوللاش يۈزىسىدىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ياپونىيىدە ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن قەرز پۇل ياردىمى بېرىپ كەلمەكتە. بۇ دۆلەتلەردىن باشقا يەنە تايلاند، سىنگاپور، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى «外国政府派遣留学生 چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلار» دەپ قاراپ، ياپون تىلى قاتارلىق تەييارلىق تەربىيىسى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت قاتارلىقلارغا ئۆتۈشتىكى زۆرۈر ھەمكارلىقلارنى ئېلىپ بارماقتا.
بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگونىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە ۋە مالايشىيادا تەييارلىق مەكتەپ تەسىس قىلىپ، ياپونىيىگە ئوقۇشقا كېلىش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىق تەربىيىسى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنى ئەۋەتىش قاتارلىق ھەمكارلىقلارنىمۇ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

4. 短期留学・交換留学 قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇش ياكى ئالمىشىپ ئوقۇش
短期留学 يەنى قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇش دېگەنلىك، ئاساسلىقى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىملىرىگە ئاساسەن، ئۆز دۆلىتىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلىقىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى باشقا دۆلەت ياكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش (学習)، يات مەدەنىيەتنى باشتىن كەچۈرۈش (異文化体験)، تىل ئۆگىنىش (語学の習得) قاتارلىق مەقسەتلەردە بىرەر يىل ياكى بىرەر مەۋسۇم ئوقۇشنى كۆرسىتىدۇ.
ئالمىشىپ ئوقۇش دېگەنلىك، يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارا ئۆز- ئارا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشىپ ئوقۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئالمىشىپ كەلگەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئالغان ئوقۇش نومۇرى ئادەتتە ئۆز دۆلىتىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇش نومۇرىغا سۇندۇرۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئىچىدە يۇقارقى تۆت خىل شەكىل ئىچىدىكى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا كەلگۈچىلەر كۆپەيمەكتە. شۇڭلاشقا بۇندىن كېيىنكى يازمىلىرىمىزدا ئاساسلىقى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇش توغرىسىدا كۆپرەك توختىلىپ ئۆتىمىز.


مەنبە: Study Japan تورى

2009-03-29

ئوقۇشقا كېلىشنىڭ تۆت شەكلى (1) 留学のかたち

ياپونىيىگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلمەكچى بولغانلارغا نىسبەتەن تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل شەكىل بار بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئوقۇش خىراجىتى ۋە ئوقۇش مۇددىتى قاتارلىقلار ئۆز- ئارا پەرقلىنىدۇ.

1. (国費外国人留学生 (日本政府(文部科学省)奨学金留学生
دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچى، يەنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى (ئىلىم-پەن- مەدەنىيەت ۋازارىتى 文部科学省) نىڭ مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچى.
1945- يىلى تۈزۈپ چىقىلغان دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار تۈزۈمىگە ئاساسەن ھازىرغىچە دۇنيادىكى 160 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن تەخمىنەن 65 مىڭ كىشى ياپونىيىدە ئوقۇغان ياكى ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى (研究留学生) قاتارلىق يەتتە تۈرگە ئايرىلغان. بۇلارنى كېيىنكى يازمىلىرىمىزدا بىر- بىرلەپ تونۇشتۇرىمىز.

2. 私費留学生 ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچى.
بۇ تۈردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت قاتارلىقلارغا كىرىشىدە ئىككى خىل ئۇسۇل بار. بىرى، ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇپ ياپونىيىدىكى ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان ئۇنىۋېرسىتېت ياكى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىنىڭ (ياپونىيىدىكى ياكى ئۆز دۆلىتىدىكى) ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ بىۋاسىتە ئوقۇشقا كىرىش.
يەنە بىرى، ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ياپون تىلى مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا كىرىپ، بىرەر يىل ئەتراپىدا ياپون تىلى تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئوقۇش ئارزۇسىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ياكى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئوقۇشقا كىرىش.
قايسىلا شەكىلدە بولمىسۇن، ئوقۇشقا كىرىشتە يەنىلا ئۇنىۋېرسىتېت ياكى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىمتىھاننى ياپونىيىدە بېرىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئەھۋاللار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.

مەنبە: Study Japan تورى (داۋامى بار)

2009-03-16

كاندا دەرياسى 神田川

كاندا دەرياسى (神田川)- توكيونىڭ مىتاكا (三鷹) شەھىرىدىكى ئىنوكاشىرا (井の頭، قۇدۇق بېشى دېگەن مەنىدە) دىن باشلىنىپ شەرققە قاراپ ئېقىپ، توكيونىڭ بىر شەھىرى ۋە سەككىز رايونىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 24.6 كىلومېتىر، توكيو دائىرىسىدىكى ئوتتۇرا- كىچىك دەريالارنىڭ ئىچىدىكى دەريا ۋادىسى ئەڭ كەڭ دەريا بولۇپ، توكيونىڭ ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بولغىنىغا قارىماستىن، پۈتۈنلەي ئۈستى ئوچۇق بولۇشى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭدا كۆۋرۈك بەكمۇ كۆپ. ئېقىپ ئۆتىدىغان جايلارنىڭ مەنزىرىسىمۇ ئۆزگىچە.


دەريانىڭ مەنبەسى بولغان ئىنوكاشىرا بۇلىقى


توكيو مەركىزىي ھۆكۈمەت بىناسى (都庁) ئەتراپى


تاكادانوبابا (高田馬場) ئەتراپى


پايتەخت 5- نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاستى


نىخونباشى (日本橋 ياپون كۆۋرۈكى)


JR ئوچانومىزۇ (御茶ノ水) ۋوگزالىدىن كۆرۈنۈشى


سۇمىداگاۋا (隅田川) دەرياسىغا قوشۇلۇش ئورنى

ساكۇرا ۋە كانداگاۋا (دەرياسى)
  

مەنبە: ياپونچە ۋىكىپېدىئا (Pictures from Wikipedia)

2009-03-08

ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلار 1- ئايدا 2645

ياپونىيە ساقچى ۋازارىتىنىڭ 5- چېسلادىكى دوكلاتىدا، بۇ يىل 1- ئايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلار 2645 كىشىگە يەتتى دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 1894 نەپىرى ئەر ئىكەن. سان جەھەتتە توكيو 1- ئورۇندا (255)، ئوساكا 2- ئورۇندا (159)، سايتاما ناھىيىسى 3- ئورۇندا (155)، كاناگاۋا ۋە ئايچى ناھىيىلىرى 4- ئورۇندا (138) ئىكەن.

بۇ دوكلات ھازىرغىچە يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلارنىڭ كۆپىيىش ئېھتىماللىقى بولغاچقا، تۇنجى قېتىم ئايلىق دوكلات ئۇسۇلى قوللىنىلغان ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، 3- ئاي ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ يىللىق ھېساۋاتنى بوغىدىغان ئېيى بولغاچقا، نۆۋەتتە ئىگىلىك باشقۇرۇشنىڭ تەسلىشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلار كۆپىيىدۇ دەپ قارالغان. شۇ سەۋەبتىن جېسەكچىلەرنى كۆپەيتىش، مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىدىغان كۆزنەكلەرنى ئىزدەپ تاپىدىغان تور بەتلەرنى قۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھاياتنى قوغداش ھەرىكىتى كېڭەيمەكتە ئىكەن.

پۈتۈن ياپونىيىدە ھەر يىلدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلار سانى 1998- يىلدىن بۇيان ئۇدا 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا مالىيە كىرىزىسى يۈز بەرگەچكە، 3- ئايدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلار سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ كەتكەن. بۇ يىلمۇ ئىقتىساد چېكىنىپ كەتكەن بولغاچقا، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئوخشاش ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن.

مەنبە: ياخۇ تورى- يومىئۇرى خەۋەرلىرى
http://headlines.yahoo.co.jp/hl?a=20090305-00000882-yom-soci

2009-03-05

توكيو مۇنارىسى 東京タワー

بۈگۈن توكيونىڭ سىمۋوللۇق بەلگىلىرىدىن بىرى بولغان توكيو مۇنارىسى بىلەن يۈزەكى تونۇشۇپ چىقايلى.
توكيو مۇنارىسى- توكيونىڭ مىناتو رايونىغا جايلاشقان ئېلېكتېر دولقۇنى تارقىتىش مۇنارىسى بولۇپ، شوۋانىڭ 33- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى پۈتكەن. ئۇنى ياساشقا جەمئىي 4200 توننا پولات ماتېرىيالى كەتكەن. ئومۇمىي ئېگىزلىكى 332.6 مېتىر، پارىژدىكى ئېففېل تۆمۈر مۇنارىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن 8.6 مېتىر ئېگىز.

بۇ مۇناردا 9 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رەقەملىك ۋە ئانالوگ سىگنالى، 5 رادىئو ئىستانسىسىنىڭ FM سىگنالى تارقىتىلىدۇ.



يەر يۈزىدىن 120 مېتىر ۋە 223 مېتىرلىق قىسمىدا كۆرۈش سۇپىسى بار بولۇپ، بۇ يەردىن توكيو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سايتاما، چىبا، كاناگاۋا ناھىيىلىرى ۋە داڭلىق فۇجىسان تېغىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
تۆۋەنكى كۆرۈش سۇپىسىنىڭ بېلەت باھاسى 820 يېن، ئۈستىدىكى كۆرۈش سۇپىسى ئۈچۈن يەنە 600 يېنلىق بېلەت كېتىدۇ.
پەسىلگە قاراپ ئوخشىمىغان چىراقلار بىلەن يورۇتۇلغاچقا، كىشىگە ھەر دائىم يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ.

مەنبە: ياپونچە ۋىكىپېدىئا

2009-01-28

ياپونىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تەرتىپى

ئالدىنقى قېتىمدىكى «داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر有名な大学» ۋە «داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر (2) 有名な大学» دېگەن ئىككى يازمىمىزدا ياپونىيىدىكى رەت تەرتىپى 1- دىن 4- گىچە بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. بۈگۈن J-RANK تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن دۆلەتلىك ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئالدىنقى 20- گىچە بولغان رەت تەرتىپى بىلەن تونۇشۇپ چىقماقچى.

دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن:
1. توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى 東京大学
2. كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى 京都大学
3. خىتوتسۇباشى ئۇنىۋېرسىتېتى 一ツ橋大学
4. توكيو سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى 東京工業大学
5. ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتى 大阪大学
6. ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى 名古屋大学
7. توخوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتى 東北大学
8. كيۇشيۇ ئۇنىۋېرسىتېتى 九州大学
9. خوككايدو ئۇنىۋېرسىتېتى 北海道大学
10. ئوچانومىزۇ قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى 御茶ノ水女子大学
11. توكيو چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى 東京外国語大学
12. تسۇكۇبا ئۇنىۋېرسىتېتى 筑波大学
13. كوبې ئۇنىۋېرسىتېتى 神戸大学
14. يوكوخاما دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى 横浜国立大学
15. چىبا ئۇنىۋېرسىتېتى 千葉大学
16. خىروشىما ئۇنىۋېرسىتېتى 広島大学
17. ئوكاياما ئۇنىۋېرسىتېتى 岡山大学
18. توكيو نوكو ئۇنىۋېرسىتېتى 東京農工大学
19. توكيو پايتەخت ئۇنىۋېرسىتېتى 首都大学東京
20. كيوتو كوگېي ئۇنىۋېرسىتېتى 京都工芸繊維大学

خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن:
1. كېيئو گىجۇكۇ ئۇنىۋېرسىتېتى 慶応義塾大学
2. ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتى 早稲田大学
3. سوفىيا (جوچى) ئۇنىۋېرسىتېتى 上智大学
4. خەلقئارا خرىستىئان دىنى ئۇنىۋېرسىتېتى 国际基督教大学
5. توكيو تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 東京理科大学
6. دوشىشا ئۇنىۋېرسىتېتى 同志社大学
7. گاكۇشۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتى 学習院大学
8. چۈئو ئۇنىۋېرسىتېتى 中央大学
9. كانساي گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتى 関西学院大学
10. رىككيو ئۇنىۋېرسىتېتى 立教大学
11. ئائوياما گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتى 青山学院大学
12. مېيجى ئۇنىۋېرسىتېتى 明治大学
13. رىتسۇمېيكان ئۇنىۋېرسىتېتى 立命館大学
14. كانساي ئۇنىۋېرسىتېتى 関西大学
15. خوسېي ئۇنىۋېرسىتېتى 法政大学
16. سېيكېي ئۇنىۋېرسىتېتى 成蹊大学
17. سېيجو ئۇنىۋېرسىتېتى 成城大学
18. سېنشۈ ئۇنىۋېرسىتېتى 専修大学
19. مېيجى گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتى 明治学院大学
20. نانزان ئۇنىۋېرسىتېتى 南山大学

تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى Yahoo Japan دىن ئىزدەڭ ياكى ئۇنىۋېرسىتېت باش بېتىدىن كۆرۈڭ.
مەنبە: شياۋچۈن ياپونىيىدە ئوقۇش مۇنبىرى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەييارلاندى.